06.09.2017

بۇ ھەپتىلىك چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىزنىڭ ئاساسىي مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

06.09.2017

رۇسىيەدىكى Sputnik ئاگېنتلىقى «ئەردوغان بىرما رەھبەرلىرى بىلەن  كۆرۈشتى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئاراكاندىكى ۋەقەلەر توغرۇلۇق بىرما دۆلەت باشلىقى ئاڭ سان سۇ چى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى، كۆرۈشۈشتە ئەردوغان ئاراكان مۇسۇلمانلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىش قىلمىشلىرىنىڭ مۇسۇلمان دۇنياسى بولۇپ پۈتكۈل دۇنيانى چوڭقۇر قايغۇ سالغانلىقىنى دېدى. ئىككى رەھبەر كۆرۈشۈشتە كىرىزىسنىڭ قانداق ھەل بولىدىغانلىقى ۋە رايونغا ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ قانداق يەتكۈزۈپ بېرىلىدىغانلىقى توغرۇلۇق كېڭەشتى. تۈركىيەنىڭ تېررورىزىم بىلەن  بىگۇناھ خەلقنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەرنى ئىزچىل ئەيىبلەپ كەلگەنلىكىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن ئەردوغان، ئاراكاندىكى ۋەقەلەرنىڭ ئېغىر پالاكەتكە ئايلىنىپ كېتىشىنىڭ زور ئەندىشە پەيدا قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.»

ئامېرىدىكى APئاگېنتلىقى  «تۈركىيە روھىڭگا خەلقىگە ياردەم بېرىدۇ»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى: «جۇمھۇر رەئىسلىك ئىدارىسى باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن، بىرماغا تۇنجى چەت ئەل ياردەم ئورگىنى سۈپىتىدە تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئاگېنتلىقى مەسئۇللىرىنىڭ كىرىشىگە ۋە دەسلەپكى قەدەمدە مىڭ توننىلىق ياردەم بۇيۇملىرى يەتكۈزۈپ بېرىلىشىگە رۇخسەت قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى. كالىن بۇ ھەقتە بەرگەن باياناتىدا ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ ھۇجۇملار نەتىجىسىدە يۈزلەرچە ئائىلە كۆچۈپ كەتكەن راكھايىننىڭ شىمالىغا جايلاشقان ماڭتاۋ ۋە بۇتھى تاڭغا يەتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن راكھىنە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشنىڭ پىلانغانلىقىنى بىلدۈردى. كالىن ماۋتاۋ ۋە بۇتھى تاڭدا ھۇجۇملاردىن قېچىپ تاغلىق رايونلارغا كەتكەن روھىڭگالىقلارغا دەسلەپكى قەدەمدە تارقىتىپ بېرىلىدىغان ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ گۈرۈچ، قۇرۇتۇلغان بېلىق ۋە كىيىم-كىچەكلەردىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.»

ئامېرىكىدىكى تۈرك-ئامېرىكا تور بېتى «تۈركىيە بىلەن سۆزلىشىشكە تەييارمىز»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئالاقە ۋە خەۋپسىزلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى فېدېرىكا موگېرىنى 12-نۆۋەتلىك بىلەد ئىستىراتېگىيەلىك مۇنبىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن يېتىپ بارغان سىلوۋېنىيەدە مۇنداق دېدى: ئالدى بىلەن تۈركىيە رايوندىكى ئەڭ مۇھىم ئىتتىپاقدېشىمىز ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا نامزات دۆلەتتۇر، بۇ سەۋەبتىن تۈركىيە بىلەن مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشنى داۋاملاشتۇرىمىز، ئىچكى مۇزاكىرىلىرىمىز، بولۇپمۇ تۈركىيەدىكى رەھبەرلەر بىلەن ئۆتكۈزىدىغان مۇزاكىرىلەر ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنى كېلەچىكىنى بەلگىلەيدۇ.»

رۇسىيەدىكى Sputnik ئاگېنتلىقى «13 يېشىدا دۇنيا بىرىنچىسى بولدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «ئىتالىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا تادىنى مۇزىكا مۇسابىقىسىگە ئىزمىردىن قاتناشقان كاغان تۇران، 11 ۋە 13 ياشلار تۈرىدە بىرىنچى بولدى، ياشار ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتقا كۆرە، 6ياشتا پىيانىنو چېلىشنى مەشىق قىلىشقا باشلىغان كاغان تۇران ئىتالىيەنىڭ بېرگامو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا تادىنى مۇزىكا مۇسابىقىسىگە قاتناشتى، 17 دۆلەتتىن 45 كىشى قاتناشقان مۇسابىقىدە فازىل ساينىڭ <قارا تۇپراق>، كوپىننىڭ <كىچىك ئىنقىلاب كۇلۇبى> ۋە موزارتنىڭ <لا مىنور>ناملىق ئەسەرلىرىنى ئورۇنداپ چىققان كاغان تۇران 11 ۋە 13 ياشلار تۈرىدە بىرىنچى بولدى.»


خەتكۈچ: AP , Sputnik

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر