13.09.2017

بۇ ھەپتىلىك چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىزنىڭ ئاساسىي مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

13.09.2017

ئىراندىكى ئىرانا ئاگنتلىقى «ئەردوغان: تۈركىيە S-400  تىپلىق مۇداپىئە سىستېمىسىنى رۇسىيەدىن سېتىۋالىدۇ»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان كېلىشىم ئىمزالىنىپ مۇساپە تاماملانغاندىن كېيىن تۈركىيەنىڭ S-400 تىپلىق مۇداپىئە سىستېمىسىنى رۇسىيەدىن سېتىۋالىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى. قازاقىستان زىيارىتىنى تۈگىتىپ تۈركىيەگە قايتىش سەپىرىدە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، رۇسىيەدىن S-400  تىپلىق مۇداپىئەسىستېمىسىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن زاكالەت پۇلىنىڭ تۆلىنىپ بولغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: S-400  تىپلىق مۇداپىئە سىستېمىسى سېتىۋېلىش ئۈچۈن كېلىشىم ھاسىل قىلىندى، كېلىشىمنىڭ كېيىنكى باسقۇچىدا مۇداپىئە سىستېمىسىنى سېتىۋېلىشتا رۇسىيەدىن تۈركىيەگە بېرىلىدىغان قەرزنىڭ رەسمىيىتى ئۆتۈلىدۇ، ھەم رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن ھەم مەن ھەر ئىككىلىمىز بۇ كېلىشىمنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئۈچۈن قەتئىي قارارغا كەلدۇق.»

ئەزەربەيجاندىكى Trend ئاگېنتلىقى «تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى توغرۇلۇق بايانات ئېلان قىلدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «ياۋروپا ئىتتىپاقى مىنىستىرى قوشۇمچە باش مۇزاكىرىچى ئۆمەر چەلىك زىيارەت ئۈچۈن يېتىپ بارغان ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندا رادىكال كۈچلەرنىڭ  مۇسۇلمان، لايىك، دېموكراتىك قانۇن دۆلىتى بولغان تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش كويىدا ئىكەنلىكلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: ياۋروپا كېڭىشى باش كاتىپى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىز ئوڭۇشلۇق ئۆتتى، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن مۇزاكىرە ئۈستىلىگە ئولتۇرۇپ رەسمىي سۆھبەت ئۆتكۈزىمىز، بۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇزاكىرە قابىلىيىتىگە باغلىقتۇر.»

رۇسىيە رادىيو ۋە خەۋەر ئاگېنتلىقى Sputnik «رۇسىيە تۈركىيەدىن پەمىدور ئىمپورت قىلىدۇ»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى: «رۇسىيە يېزا-ئىگىلىك مىنىستىرلىقى ۋە رۇسىيە يېزا-ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى نازارەت ئاگېنتلىقى روسېلھوزمادزور تۈركىيەدىن تەكرار پەمىدور ئىمپورت قىلىشنى پىلانلىماقتا، رۇسىيە تۈركىيەدىن 2018-يىلنىڭ ئاپرېل ۋە ماي ئېيىغىچە پەمىدور ئىمپورت قىلىدۇ.»

ئامېرىكا ئاۋازى «تۈركىيە ساياھەتچىلىكتە ئەڭ كۆپ ئارزۇ قىلىنىدىغان دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «تۈركىيەدىكى كېسەللەر بۇرۇن داۋالىنىش ئۈچۈن ئامېرىكا ياكى ياۋروپا دۆلەتلىرىگە باراتتى، ھازىر ئەھۋال دەل ئەكسىچە بولماقتا، ياۋروپالىقلار تۈركىيەگە كېلىشكە باشلىدى، بۇلتۇر 550 مىڭ چەت ئەللىك داۋالىنىش ئۈچۈن تۈركىيەگە كەلدى، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە بۇ ساننىڭ 750مىڭغا يېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە، تۈركىيە بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىلارغا ئوخشاش بەش يۇلتۇزلۇق دوختۇرخانىلار بەرپا قىلىۋاتقان يېگانە دۆلەتتۇر. بارغانچە كۈچىدىن قېلىۋاتقان ياۋروپانىڭ چىش، بەدەن ئەزالىرىنى كۆچۈرۈش ۋە ئۆزىنى تۈزەشكە ئوخشاش سەھىيە مۇلازىمەتلىرىدە باھانىڭ مۇۋاپىق بولۇشى ۋە ئەلا مۇلازىمەت سەۋەبىدىن تۈركىيەگە كېلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.»

ئەزەربەيجاندىكى Trend ئاگېنتلىقى «تۈركىيە قازاقىستان بىلەن 26 لايىھەنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرىدۇ»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى نەقىل قىلدى: «جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيە بىلەن قازاقىستان ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئومۇمىي قىممىتىنىڭ تەخمىنەن 2 مىليارد دوللار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: <بىز بۇنى بۇرۇنراق 5 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتىمىز>، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قازاقىستان پىرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربەيايېۋ بىلەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ تۈركىيە-قازاقىستان ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق توغرۇلۇق توختالدى. تۈركىيە-قازاقىستان مۇناسىۋىتىنىڭ  2012-يىلى ئالىي سەۋىيەلىك ئىستىراتېگىيەلىك ھەمكارلىق سەۋىيەسىگە يۈكسەلگەنلىكىنى ئېيتقان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان مۇنداق دېدى: تۇنجى قېتىملىق يىغىننى 2012-يىلى دۆلىتمىزدە، ئىككىنچى قېتىملىق يىغىننى بولسا قازاقىستاندا زىيارەتتە بولغان چېغىمدا 2015-يىلى ئۆتكۈزدۇق، كېيىنكى قېتىملىق يىغىننى خۇدايىم بۇيرىسا ھۆرمەتلىك نەزەربايېۋ كېلەر يىلى دۆلىتىمىزنى زىيارەت قىلغان چاغدا ئۆتكۈزىمىز.»

ئافغانىستان ئازاد رادىيوسى «تۈركىيە گېرمانىيەنى ساياھەت قىلماقچى بولغان پۇقرالىرىنى ئاگاھلاندۇردى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: «تۈركىيە گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان ياكى بۇ دۆلەتنى ساياھەت قىلماقچى بولغان پۇقرالىرىنى ئاگاھلاندۇردى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا تۈركىيە پۇقرالىرىدىن چەت ئەل دۈشمەنلىكى ياكى ئىرقچىلىق تەھدىتلىرى مەسىلىسىدە دىققەت قىلىش تەلەپ قىلىندى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر