27.09.2017

بۇ ھەپتىلىك چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىزنىڭ ئاساسىي مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

27.09.2017

ئامېرىكا ئاۋازى: «ئەردوغان ئىراق كۈرت <كورد>رايونلۇق ھاكىمىيىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن قانۇنسىز مۇستەقىللىق رېفېراندۇمى يېڭى ئازابلارنىڭ بىشارىتىدۇر، دېدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «تۈركىيەنىڭ ئىراق كۈرت <كورد>رايونلۇق ھاكىمىيىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن قانۇنسىز مۇستەقىللىق رېفېراندۇمىغا بولغان نارازىلىقىرى داۋاملاشماقتا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈنۈگۈن 2017-2018 ئوقۇ-ئوقۇتۇش يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا ئىراق كۈرت رايونلۇق ھاكىمىيىتىنى قاتتىق تەنقىدلەپ مۇنداق دېدى: ئىسرائىلىيەدىن باشقا ھېچقانداق دۆلەت ۋە خەلقئارالىق ئورگان ئىراق كۈرت رايونلۇق ھاكىمىيىتىنىڭ قانۇنسىز مۇستەقىللىق رېفېراندۇمىنى قوللىمىدى، رايوننىڭ ئېتىقاد ۋە تارىخ جەھەتتىن مۇرەككەپ ۋە رەڭدار قۇرۇلمىغا ئىگە مۇھىتىدا، بۇ ھاكىمىيەتنىڭ بۇ ئىشنى قىلشى يېڭى ئازاب ۋە توقۇنۇشلارنىڭ خەۋەرچىسى بولۇشتىن باشقا ئىشقا يارىمايدۇ.»

رۇسىيەدىكى رادىيو ۋە خەۋەر ئاگېنتلىقى sputnik «ئىستانبۇل ئەڭ كاتتا 10 شەھەر قاتاردىن ئورۇن ئالدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «مەزكىرى ئامېرىكىدا بولغان خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە شىركىتى ماستېركار < Mastercard > تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان 2017 –يىلدىكى ئەڭ كاتتا شەھەرلەر كۆرسەتكۈچىدە بۇ يىل دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ چەت ئەللىك ساياھەتچى جەلپ قىلىشى كۈتۈلىۋاتقان 30 شەھەر قاتارىدا ئىستانبۇل 10-رەتتىن ئورۇن ئالدى. ماستېركارد شىركىتىنىڭ دۇنيادىكى كاتتا شەھەرلەر كۆرسەتكۈچىگە ئاساسلانغاندا، بۇلتۇر 9 مىليون 600مىڭ چەت ئەللىك ساياھەتچى كۈتۈۋالغان ئىستانبۇل ياۋروپا بويىچە ئەڭ كاتتا شەھەر ئىچىدە3-رەتتىن ئورۇن ئالغان. 2017-يىلى شەھەرنىڭ تەخمىنەن 9 مىلىيون 240مىڭ ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىشى مۆلچەرلەنمەكتە، 9 يىلدىن بۇيان ھەر يىلى ئېلان  قىلىپ كېلىنىۋاتقان دوكلات چەت ئەللىك ساياھەتچى سانى، چېگرادىن كىرىپ-چىقىشلار، ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەت قىلماقچى بولغان شەھەرلەردە قىلغان چىقىمى ۋە يولۇچىلار سانىدىكى ئۆزگىرىشلەر نەزەرگە ئېلىنغان ئاساستا تەييارلىنىدۇ.»

گېرمانىيەدىكى مېدىيا ئورگىنى Deutsche Welle (DW)«ئەردوغان گېرمانىيەدىكى سايلاملار ياۋروپاغا ساۋاقتۇر، دېدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى: «گېرمانىيەدە ئانگېلا مېركېل باشچىلىقىدىكى خىرىستىيان بىرلىك پارتىيەسى بۇرۇنقى سايلاملارغا قارىغاندا ئاز ئاۋازغا ئېرىشكەن بولۇشىنىڭ ئەكسىچە سايلامدا ئۇتۇپ چىقتى، تۈركىيە گېرمانىيەدىكى بۇ ئەھۋال توغرۇلۇق بايانات ئېلان قىلدى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان گېرمانىيە ۋە ياۋروپادا باش كۆتۈرگەن چەت ئەل دۈشمەنلىكى، ئىرقچىلىق ۋە دېموكراتىيە ئۆكتىچىلىكى قاتارلىق ھادىسىلەر تۈپەيلى غەرب دۆلەتلىرى ئاگاھلاندۇرۇلۇپ كېلىنىۋاتقان بولسىمۇ ياۋروپالىقلارنىڭ بۇ ئاگاھلاندۇرۇشلارغا پىسەنت قىلپ قويمىغانلىقلىرىنى، بۇ ناچار ئەھۋالنىڭ گېرمانىيەدە سەلبىي نەتىجە پەيدا قىلغانلىقىنى ئېيتتى. باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىممۇ  مۇنداق دېدى: تۈركىيە توغرۇلۇق ئاساسسىز ۋە چوڭ گەپلەرنى قىلىشنىڭ سايلامغا پايدىسى بولمىدى، ئەكسىچە گېرمانىيەگە زىيان ئېلىپ كەلدى، بىز بۇنىڭغا شاھىت بولدۇق.»

فىرانسىيەدىكى AFP ئاگېنتلىقى «ئەردوغان  بۇددىستلارنىڭ ئاراكان مۇسۇلمانلىرىنى قەتلىئام قىلىشىنى قاتتىق ئەيىبلىدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تايىىپ ئەردوغان بىرما ھۆكۈمىتىنىڭ ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنى قەتل  قىلىشى سەۋەبلىك يۈز مىڭلارچە مۇسۇلماننىڭ باڭلادىشقا قېچىشقا مەجبۇر بولۇپ قېلىۋاتقانلىقلىرىنى يەنە بىر قېتىم كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلدى. ئەردوغان: بۇددىستلار داۋملىق ياخشى نىيەت ئەلچىسى سۈپىتىدە تونۇشتۇرۇلىۋاتىدۇ، نۆۋەتتە بىرمادا بۇددىستلار تېررورلۇق قىلمىشى سادىر قىلىۋاتىدۇ،دېدى. ئەردوغان بىرمادا مۇسۇلمانلارنىڭ ھېلىھەم ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دۇچار بولىۋاتقانلىقىنى يەنە  كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلدى.»

ئىراندىكى رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى ئىرنا «تۈركىيە  بىلەن ئىران جۇمھۇر رەئىسلىرى ھەرخىل مەسىلىلەر بويىچە ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇردى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى نەقىل قىلدى: «جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئىرانلىق مەنسەبدېشى ھەسەن رۇھانى تېلېفوندا كۆرۈشۈپ تۈركىيە-ئىران مۇناسىۋەتلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ۋە ئىراق كۈرت رايونلۇق ھاكىمىيىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن قانۇنسىز رېفېرندۇم قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇزاكىرىلىشىپ ئىراقنىڭ زېمىن پۈتۈنلىكى ۋە مىللىي بىرلىكىنىڭ زىيانغا ئۇچرىماسلىقى لازىملىقىنى تەكىتلەشتى. ئىككى رەھبەر ئىككى دۆلەتنىڭ بۇ مەسىلىگە تۇتقان پوزىتسىيەنىڭ ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى. ئەردوغان تۈركىيەنىڭ مۇستەقىللىق رېفېراندۇمىغا قارىتا بىر قاتار تەدبىرلەرنى ئالغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى:< سىياسىي، ئىقتىسادىي، ھەربىي ۋە باشقا ساھەلەردە تىگىشلىك قەدەملەر تاشلاندى، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىمۇ چېگرادىن ھالقىغان ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشنى مەزمۇن قىلغان قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى.> تۈركىيەنىڭ ئىران بولغان مۇناسىۋىتىنى تىخىمۇ كۈچەيتىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئېىيتقان ئەردوغان، ئىككى دۆلەت تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلىدىغان 4-نۆۋەتلىك ئىستراتېگىيەلىك كېڭەش يىغىنى ئۈچۈن ئالاقىدار مىنىستىرلىقلارنىڭ تەييارلىق  خىزمەتلىرىنى تاماملاپ  بولغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر