چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەپتە: 13.12.2017

بۇ ھەپتىلىك چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەپتە: 13.12.2017

رۇسىيەدىكى Sputnik ئاگېنتلىقى «چاۋۇشئوغلۇ: تەھدىت شەكىللەنسە ئافرىنغا كىرىمىز، دېدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «تاشقى ئىشلار ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ مەلۇم بىر خۇسۇسىي تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى پ ي د نىڭ تىزگىنى ئاستىدىكى ئافرىنغا تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ كىرىش ئېھتىمالىنىڭ يوق ئەمەسلىكىنى ئېيتتى. چاۋۇشئوغلۇ رايوندىن تۈركىيەگە تەھدىت كېلىۋاتقانلىقىنى، ھەتتا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىمۇ پەيدا بولغانلىقىنى، شۇڭا رايون توغرۇلۇق ئەتراپلىق پىلان تۈزۈلگەندىن كېيىن تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ تۇيۇقسىز رايونغا كىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.»

ئىران ئىرىب تور بېتى «رەھىمپۇر: ئەردوغان بىلەن رۇھانىنىڭ كۆرۈشۈشى ياخشىلىقتىن بىشارىتىدۇر، دېدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن مىنىستىر ئىبراھىم رەھىمپۇر ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى بىلەن تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ يېقىنقى كۈنلەردە نۇرغۇن قېتىم كۆرۈشكەنلىكىنى ئېيتىپ، بۇ ئەھۋالنىڭ ياخشىلىقتىن بىشارەت بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. رۇھانىنىڭ ئىستانبۇلدىكى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىشى توغرۇلۇق مۇخبىرلارغا مەلۇمات بەرگەن رەھىمپۇر مۇنداق دېدى: ئەردوغان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن تەشكىلاتنىڭ جىددىي يىغىنلىرىنى ئۇيۇشتۇرىدۇ، بۇ تولىمۇ تەبىئىي ئەۋالدۇر.»

CNN خەلقئارا خەۋەر قانىلى «ئەردوغان رەزىل كۈچلەرگە ئەڭ ياخشى جاۋابنى قايتۇردۇق، دېدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى: «جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى كۈنىدە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: تۈركىيە ئىقتىسادىي جەھەتتىن بۇ يىلنىڭ ئۈچىنچى چەرىكىدە دۇنيا بويىچە ئەڭ تېز گۈللەنگەن دۆلەت بولدى. ئىقتىسادىي جەھەتتىن بۇ يىلنىڭ بىرىنچى چەرىكىدە %5.3، ئىككىنچى چەرىكىدە %5.4 زورايغان تۈركىيە، ئۈچىنچى چەرەكتە بولسا كۆرىنەرلىك دەرىجىدە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلدى. ئىقتىسادىي جەھەتتىن بۇ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ ئوبرازىغا داغ چۈشۈرۈشكە ئۇرۇنىۋاتقان رەزىل كۈچلەرگە ئەڭ ياخشى جاۋابنى قايتۇردۇق، دەپ ئويلايمەن. تۈركىيەگە ئىشىنىپ مەبلەغ سالغۇچىلار ھېچقاچان زىيان تارتىپ باقمىدى، بىز بىلەن بىرلىكتە يولغا چىققانلار ھەر ۋاقىت غەلىبە قىلىدۇ، بىزگە توسالغۇ بولغۇچىلار بولسا مەغلۇب بولىدۇ.»

رۇسىيەدىكى Sputnik ئاگېنتلىقى «تۈرك چاتما تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى ئېكسپورتتا دۇنيادا ئىكىنچى ئورۇنغا ئۆتتى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مۇئاۋىن مىنىستىرى ھۈسەيىن يايمان تۈرك چاتما تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ ئېكسپورت قىلىنىش ئەھۋالى توغرۇلۇق توختىلىپ مۇنداق دېدى: يېقىنقى مەزگىللەردە ئىشلىنىۋاتقان تۈرك چاتما تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى مەدھىيلەشكە ئەرزىيدۇ، مەنمۇ بەزىلىرىنى كۆرىمەن، ئەسەرلىرىمىزدىن پەخىرلىنىپ قالدىم، دۇنيا بويىچە ئامېرىكا چاتما تېلېۋىزىيە تىياتلىرىدىن قالسا ئەڭ كۆپ تۈرك تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى بازار تاپماقتا، نېمە ئۈچۈن تۈرك چاتما تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى بۇنچىۋېلا بازار تاپىدۇ؟ چۈنكى بۇ ئەسەرلىرىمىزدە تۈركىيەنىڭ ھېكايىسى بار. ھۈسەيىن يامان كەلگۈسىدە تارىخقا مۇناسىۋەتلىك تۈرك چاتما تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ كۆرۈلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ يەنە مۇنداق دېدى: تۈرك چاتما تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى ھەم تۈركچىنىڭ دۇنيادا ئومۇملىشىشىدا ھەمدە تۈركىيەنىڭ ھېكايىسىنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ.»

ئامېرىكىدىكى AP خەۋەر ئاگېنتلىقى «تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى ئىسرائىلىيەنى <تېررور دۆلىتى>دېدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى نەقىل قىلدى: «تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان <ئىسرائىلىيە تېررور دۆلىتىدۇر>دېدى. ئىسرائىلىيەنىڭ <ئىشغالىيەت ۋە بۇلاڭ-تالاڭ>باشقا سۈپىتى يوقلىقىنى ئېيتقان ئەردوغان، دونالد ترامپنىڭ قۇددۇس قارارىغا قارشى دىپلوماتىك خىزمەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى. ئوتتۇرا شەرقتە ترامپنىڭ قۇددۇس قارارىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى، ھەتتا ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقدىشى بولغان فىرانسىيەمۇ ترامپنىڭ قۇددۇس قارارى سەۋەبلىك ئۇنى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلدى.»

گېرمانىيەدىكى DPA خەۋەر ئاگېنتلىقى «ئىستانبۇل رېينا تېررورلۇق ۋەقەسى دېلوسى باشلىدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «بۇ يىل يېڭى يىل كېچىسىدە ئىستانبۇلدىكى رېينا كېچىلىك كۇلۇبىغا ھۇجۇم قىلىپ نۇرغۇن ئادەمنى قەتل قىلغان جىنايەت گۇماندارىنى سوتلاش خىزمىتى باشلىدى، ئۆزبېكىستان پۇقراسى ئابدۇلقادىر مەشەرىپوۋدىن سىرت 56 جىنايەت شىرىكى ئىستانبۇل سىلىۋرى  رايونىدا سوتلىنىدۇ. بۇ يىل يېڭى يىل كېچىسى زوراۋان ئابدۇلقادىر مەشەرىپوۋ ئۆزى يالغۇز ئىستانبۇلدىكى رېينا كېچىلىك كۇلۇبىغا قوراللىق بېسىپ كىرىپ كۇلۇبتىكى 39 ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ ئەڭ ئاز 79 ئادەمنى يارىلاندۇرغانىدى. زوراۋان مەشەرىپوۋ ۋە باشقا گۇماندارلارنىڭ ئەڭ ئاز ئايرىم-ئايرىم تۆت قېتىم مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى كۈتۈلمەكتە.»

رۇسىيە رىيا نوۋوستى خەۋەر ئاگېنتلىقى «رۇسىيە بىلەن تۈركىيە ئاككۇيى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى لايىھەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى باشلىدى »سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «تۈركىيەدە بەرپا قىلىنىدىغان تۇنجى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى بولغان ئاككۇيۇنىڭ قۇرۇلۇش لايىھەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتى باشلاندى. ئاككۇيۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى بەرپا قىلىنىدىغان رايوندا قۇرۇلۇش خىزمەتلىرى باشلىنىشتىن ئىلگىرى مۇراسىم ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئاككۇيۇ يادرو لايىھە شىركىتى خادىملىرىدىن مۇرات فىرات بۇ توغرۇلۇق مەلۇمات بەردى،  مۇراسىمغا روساتوم مۇدىرى ئالېكسېي لىھاچېۋ ۋە تۈركىيە ئېنېرگىيە ئىشلىرى مىنىستىرى بەرات ئالبايراك قاتارلىق رەھبەرلەر ئىشتىراك قىلىدۇ. »


خەتكۈچ: CNN , Sputnik

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر