بوكو ھارام نىگېرىيەنى قانغا بويىدى

نىگرىيەنىڭ مايدۇرگۇرى شەھىرىنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا بوكو ھارام تەشكىلاتى ئادەم بومبا سادىر قىلىپ نۇرغۇن كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

بوكو ھارام نىگېرىيەنى قانغا بويىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيەدە تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارام مىلىتانلىرى سادىر قىلغان ئادەم بومبا ھۇجۇملىرىدا 16 كىشى ئۆلدى، 8 كىشى يارىلاندى.

دۆلەت مېدىياسىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، نىگېرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان بورنو ۋىلايىتىگە قاراشلىق مايدۇرگۇرى شەھىرىنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا بوكو ھارام مىلىتانلىرى تەرىپىدىن ئادەم بومبا ھۇجۇملىرى سادىر قىلىنغان.

نىگېرىيە دۆلەتلىك تەبىئىي ئاپەت ۋە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئاگېنتلىقى مەسئۇلى ئابدۇلقادىر ئىبراھىم بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، ئادەم بومبا سادىر قىلغۇچىلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئايال ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

نىگېرىيەدە 2000-يىللارنىڭ بېشىدا باش كۆتۈرگەن بوكو ھارام تەشكىلاتى، كاتتىبېشى مۇھەممەد يۇسۇفنىڭ نازارەت ئاستىدىكى ۋاقتىدا ئۆلتۈرۈلۈشىدىن كېيىن، 2009-يىلى كوللېكتىپ زوراۋانلىق ۋەقەلىرى سادىر قىلىشقا باشلىدى.

تەشكىلاتنىڭ ھۇجۇملىرى تۈپەيلى ھەر يىلى يۈز مىڭلارچە كىشى يۇرت-ماكانلىرىنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر