ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى Twitter غا نارازىلىق بىلدۈردى

ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو ئىجتىمائىي تاراتقۇ مۇنبىرى Twitter Twitter غا نارازىلىق بىلدۈردى.

ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى Twitter غا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو ئىجتىمائىي تاراتقۇ مۇنبىرى Twitter نىڭ ۋېنېزۇئېلادىكى بىر قىسىم ئادرېسلارنى تاقىۋېتىشىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

BBC نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا،   نىكولاس مادۇروTwitter تەرىپىدىن ۋېنېزۇئېلادا ھۆكۈمەتنى ياقلايدىغان بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئادرېسلىرىنىڭ تاقىۋېتىلىشىنىڭ فاشىزىمنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

Twitter نىڭ ھۆكۈمەت قوللىغۇچىلىرى بىلەن ئەگەشكۈچىلىرىگە بېسىم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن مادۇرو،ھەقىقەتلەرنى ئىزچىل ياقلاپ كەلگەن مىڭلارچە ھۆكۈمەت ئەگەشكۈچىسىنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىغانلىقىنى ياقلىدى.

قوللىغۇچىلىرىنى Twitter نىڭ ۋېنېزۇئېلا مەسئۇلىنىڭ فوتو-سۈرەتلىرىنى تارقىتىشقا چاقىرغان مادۇرو سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئىنسانلار بۇ قالايمىقانچىقلارنى كىمنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئوبدان بىلسۇن.»

Twitter نىڭ ۋېنېزۇئېلادا خادىمىنىڭ بار ياكى يوقلىقىنىڭ نامەلۇم ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن بولسىمۇ، Twitter شىركىتى بۇ ھەقتە ھازىرغىچە ئىزاھات بەرمىدى.

ۋېنېزۇئېلا ئۇچۇر-ئالاقە مىنىستىرى ئېرنېستو ۋىللېگاس 180ئادرېسنىڭ Twitter تەرىپىدىن تاقىۋېتىلگەنلىكىنى ئۇقتۇرغانىدى.


خەتكۈچ: BBC , ۋېنېزۇئېلا , Twitter

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر