ئەنگلىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇزاكىرىلەرنى باشلىۋەتتى

ئەنگلىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەنگلىيەنڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىش قارارى ئۈستىدە مۇزاكىرىلەرنى باشلىۋەتتى.

ئەنگلىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇزاكىرىلەرنى باشلىۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىش قارارى توغرۇلۇق مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈلۈشكە باشلىدى.

ئەنگلىيەدىن دېيۋى دېيۋىس بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋەكىلى مىشېل بارنىيې ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىش قارارى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا كۆرۈشتى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەنگلىيەنىڭ بۇرۇنقى ۋەدىلىرىدىن تۈپەيلى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا 60 مىليارد ياۋرولىق چىقىم تۆلىشى لازىملىقىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىشى مۇزاكىرىلەردىكى ئەڭ باش ئاغرىتىدىغان مەسىلىلەردىن بىرى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئەنگلىيەدە ياشاۋاتقان ياۋروپا ئىتتىپاقى پۇقرالىرى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان ئەنگلىيەلىكلەرنىڭ ئەھۋالى ۋە شىمالىي ئىرلاندىيە بىلەن ئىرلاندىيە جۇمھۇرىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا مەسىلىسىمۇ ئىختىلاپلىق مەسىلىلەردىن ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

بۇلتۇر ئىيۇندا ئۆتكۈزۈلگەن رېفېراندۇمدا ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىشنى قارار قىلغان ئەنگلىيە، لىزبون ئەھدىنامىسىنىڭ 50-ماددىسىنىڭ روھىي بويىچە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىش خىزمىتىنى رەسمىي باشلىۋەتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر