قاتار ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئۈستىدىن ب د ت غا شىكايەت مەكتۇپى يوللىدى

قاتار، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ بىر ھەربىي يۈك ئايروپىلانىنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىگە قانۇنسىز كىرگەنلىكى توغرىسىدا ب د ت باش كاتىپىغا ۋە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە شىكايەت مەكتۇپى يوللىدى.

قاتار ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئۈستىدىن ب د ت غا شىكايەت مەكتۇپى يوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتار رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى – قنانىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىن بەھرەينگە قاراپ يولغا چىققان ھەربىي يۈك ئايروپىلانى 3 – يانۋاردا قاتارنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىگە قانۇنسىز رەۋىشتە كىرگەن. خەۋەردە، مەزكۇر قىلمىش توغرىسىدا قاتارنىڭ ب د ت باش كاتىپىغا ۋە ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئىككىنچى قېتىم شىكايەت مەكتۇپى يوللىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

قاتارنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋاكالەتخانىسى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە تەۋە بىر ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ 2017 – يىلى 21 – دېكابىردا قاتار ھاۋا تەۋەلىكىگە دەخلى قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئالدىنقى كۈنى ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە شىكايەت ئىلتىماسى سۇنغانىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، مىسىر ۋە بەھرەين دائىرىلىرىنىڭ 2017 – يىلى 5 – ئىيۇندا قاتار بىلەن بارلىق دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزۈشى پارس قولتۇقى رايونىدا كىرىزىس پەيدا قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر