ئاقدېڭىزدا 192 مۇساپىر ھاياتىدىن ئايرىلدى

خەلقئارا كۆچمەنلەر تەشكىلاتى، 2018 – يىلىنىڭ دەسلەپكى 11 كۈنىدە ئاقدېڭىز ئارقىلىق ياۋروپاغا ئۆتۈپ كەتمەكچى بولغان 192 كۆچمەننىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئاقدېڭىزدا 192 مۇساپىر ھاياتىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا كۆچمەنلەر تەشكىلاتى باياناتچىسى جوئېل مىلمان ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى ئىشخانىسىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، «بۇ ھەقىقەتەن (مۇساپىرلار ئۈچۈن) ماماتلىق بىر يىل باشلىنىشى بولدى» دېدى.

مىلمان، 1 – يانۋاردىن 11 – يانۋارغىچە بولغان ئارىلىقتا 192 مۇساپىرنىڭ ياۋروپا قىرغاقلىرىغا ئۆتۈشكە ئۇرۇنۇش جەريانىدا ئاقدېڭىز سۇلىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدە بۇ نۇقتىدا 12 مۇساپىرنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى قەيت قىلدى.

مىلمان، مۇشۇ يىل ئىچىدە 1476 مۇساپىرنىڭ دېڭىز يولى ئارقىلىق ياۋروپاغا ئۆتكەنلىكى، بۇلارنىڭ 557 سىنىڭ ئىتالىيە، 614 ىنىڭ گىرېتسىيە، 285 سىنىڭ ئىسپانىيە زېمىنلىرىغا ئاياغ باسقانلىقى؛ ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدە بولسا، جەمئىي 1159 مۇساپىرنىڭ ياۋروپاغا بارغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى مەتبۇئات مەنسۇپلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

مىلمان، دۈشەنبە كۈنى لىۋىيەدىن ئاقدېڭىز ئارقىلىق ئىتالىيەگە ئۆتۈپ كەتمەكچى بولغان 150 قانۇنسىز كۆچمەن ئولتۇرغان كېمىنىڭ غەرق بولۇپ كېتىشى نەتىجىسىدە 64 مۇساپىرنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىنىڭ مۇشۇ يىلنىڭ بۈگۈنگىچە كۆرۈلگەن ئەڭ ئېغىر مۇساپىرلار كىرىزىسى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارلىقى باياناتچىسى ۋىليام سپىندلېر بولسا، خەلقئارا جەمئىيەتكە چاقىرىق قىلىپ، مۇساپىرلارنىڭ ھاياتلىرىنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىش ئۈچۈن، ئائىلە بىرلەشمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېڭى، تەڭداش چارىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى.

خەلقئارا كۆچمەنلەر تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2017 – يىلى ئاقدېڭىز ئارقىلىق ياۋروپاغا بارغان مۇساپىرلار سانى بىر ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا تەڭمۇتەڭ تۆۋەنلەپ 171 مىڭ بولغان؛ بۇ جەرياندا 3116 مۇساپىر ئاقدېڭىزدا جېنىدىن ئايرىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر