ئامېرىكا: شىمالىي كورېيەگە بارىدىغانلار جىنازا مۇراسىمىنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرسۇن!

ئامېرىكا پۇقرالىرىغا شىمالىي كورېيە ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا: شىمالىي كورېيەگە بارىدىغانلار جىنازا مۇراسىمىنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرسۇن!

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا شىمالىي كورېيەگە بارىدىغان پۇقرالىرىغا جىنازا مۇراسىملىرىنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇشى لازىملىقىنى تەۋسىيە قىلدى.

ئامېرىكا شىمالىي كورېيەگە بارىدىغان پۇقرالىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، «ئەھۋالىڭىزنى يېزىپ قالدۇرۇپ ئاندىن بېرىڭ!» دېگەن ئۇقتۇرۇشنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكا پۇقرالىرىغا شىمالىي كورېيەگە ساياھەتكە بېرىشتىن ئىلگىرى ۋەسىيەتلىرىنى يېزىشى، ئەگەر پەرزەنتلىرى ياكى كۆندۈرۈلگەن ھايۋانلىرى بولسا، ئىشەنگەن كىشىلەرگە ئامانەت قويۇشلىرى كېرەكلىكىنى ھەمدە جىنازا مۇراسىملىرىنىمۇ ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇشى لازىملىقىنى تەۋسىيە قىلدى.

ئىككى يىل ئىلگىرى پىيوڭياڭدا 22 ياشلىق ئامېرىكىلىق ئوقۇغۇچى ئوتتو ۋارمبېردىكى مېھمانخانىدا، سىياسىي چاپلىما شوئارنى ئوغرىلاش بىلەن ئەيىبلىنىپ، 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ۋە ئېغىر ئەمگەككە سېلىش جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.

ئارىدىن 15 ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، ئىيۇل ئېيىدا سالامەتلىك سەۋەبلىرى تۈپەيلىدىن قويۇپ بېرىلگەن ۋە ئامېرىكىغا مېڭىسى ئېغىر يارىلانغان ھالدا يولغا سېلىپ قويغان ئىدى.

ئوقۇغۇچى ئامېرىكىغا كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا جېنىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى شىمالىي كورېيە ساياھىتىنى چەكلىگەن ئىدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى شىمالىي كورېيەدە ئامېرىكا ئەلچىخانىسى يوقلۇقى سەۋەبىدىن پۇقرالىرىغا ياردەمچى بولالمايدىغانلىقىنىمۇ ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر