ب د ت جەنۇبىي قىبرىس ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتىنى تەنقىد قىلدى.

ب د ت جەنۇبىي قىبرىس ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېس شەرقىي ئاقدېڭىزدا سۈركىلىشنىڭ بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ كېتىشىدىن قاتتىق ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە قىبرىس ئەتراپىدا تېپىلغان تەبىئىي بايلىقلاردىن قىبرىس تۈركلىرى بىلەن قىبرىس رۇملىرىنىڭ ئورتاق بەھرىمەن بولۇشى توغرۇلۇق چاقىرىقتا بولدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى باياناتچىلىرىدىن فەرھان ھەق ب د ت باش كاتىبات باشقارمىسىنىڭ ئەھدىنامىلەر ۋە خەلقئارا قانۇنغا ئاساسەن ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرى مەسىلىسىدە ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «باش كاتىپ  گىدروكاربون قىدىرىپ تەكشۈرۈش سەۋەبىدىن سۈركىلىشنىڭ يەنە بىر قېتىم ئەۋج ئېلىپ كېتىشىدىن قاتتىق ئەپسۇسلىنىدۇ ھەمدە مۇناسىۋەتلىك بارلىق تەرەپلەرنى سۈركىلىشنى ئازايتىش ئۈچۈن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە چاقىرىدۇ. باش كاتىپ گىدروكاربون قىدىرىپ تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرى سەۋەبىدىن ئوتتۇرىغا چىققان كىرىزىسنىڭمۇ ئۈزۈل - كېسىل ھەل بولىدىغانلىقىنغا، شۇنداقلا ھەمكارلىق ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى چارە - تەدبىرلەرنىڭ قىبرىس مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.»

تۈرك ۋە رۇم رەھبەرلەرنىڭ ئىلگىرىكى مۇزاكىرىلىرىدە «بىرلەشمە قىبرىس» تىكى تەبىئىي بايلىقلارنىڭ كېلەچەكتىكى فېدېرال ھۆكۈمەتنىڭ ھوقۇق دائىرىسىگە كىرىشى توغرۇلۇق بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھەق: «باش كاتىپ 2018 – يىلى 9 – يانۋار كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتىدىمۇ ئەسكەرتكىنىدەك، قىبرىسنىڭ ئەتراپىدا تېپىلغان تەبىئىي بايلىقلاردىن قىبرىس تۈركلىرى بىلەن قىبرىس رۇملىرىنىڭ ئورتاق بەھرىمەن بولۇشى توغرۇلۇق چاقىرىقتا بولماقتا» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر