ئامېرىكىدا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ مارىلاند شەھىرىدە قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەردى.

ئامېرىكىدا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنىدىغان دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى ئەتراپىدا يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا 3 كىشى يارىلانغان، بىر كىشى قولغا ئېلىنغان. « Fort Meade » ئەتراپىدىكى دۆلەتلىك تاش يول تاقالغان. ھۇجۇمدىن كېيىن تەكشۈرۈش باشلانغان ھەمدە پىرېزىدېنت ترامپقا مەلۇمات بېرىلگەن. دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ رايوننىڭ ۋەزىيىتىنى كونتىرول ئاستىغا ئالغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر