ئامېرىكا رۇس تانكىسىغا ھۇجۇم قىلدى

سۈرىيەدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلىرى رۇس تانكىسىغا ھۇجۇم قىلدى.

ئامېرىكا رۇس تانكىسىغا ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  بىرلەشمە ۋەزىپە ئۆتەش كۈچى باياناتچىسى پولكوۋنىك رىيان دىللوننىڭ ئېيىتىشىچە، 10 – فېۋرال كۈنى سۈرىيەنىڭ دىر ئەززۇر شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى تەبىييە يېزىسى ئەتراپىدا رۇسىيەدە ئىشلەنگەن « T-72 » تىپلىق بىر تانكا ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان.

ئىگىلىنىشىچە، خاتا چۈشىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن رۇسىيە قىسىملىرى بىلەن ئالاقە ئورنىتىلىپ، سۆھبەت ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن دىللون، تانكىنىڭ كىمگە ئائىت ئىكەنلىكى توغرۇلۇق تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر