ئامېرىكا ئەلچىخانىسى بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

قاراداغنىڭ پايتەختى پودگورىكادا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئەلچىخانىسى قول بومبىسى ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.

ئامېرىكا ئەلچىخانىسى بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاراداغنىڭ پايتەختى پودگورىكادا كىملىكى تېخىچە ئېنىقلانمىغان بىر كىشى يېرىم كېچىدە ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا قول بومبىسى ئاتقاندىن كېيىن، بەدىنىگە تېڭىۋالغان بومبا بىلەن ئۆزىنى قوشۇپ پارتلاتتى.  

قاراداغ ھۆكۈمىتى ھۇجۇم ھەققىدىكى تەكشۈرۈشلەرنىڭ ساقچى ۋە تەپتىش ئورگانلىرى تەرىپىدىن داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئەلچىخانىسى باياناتچىسى جېف ئادلېرمۇ قاراداغ ئاخباراتلىرىغا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ھۇجۇم قىلغۇچىنىڭ كىملىكىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن ساقچىلار بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

قاراداغ ئاخباراتلىرى ھۇجۇمچىنىڭ قول بومبىسىنى ئەلچىلىكنىڭ تېمىدىن ئىچىگە ئاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر