G7 دۆلەت رەھبەرلىرى خىمىيەلىك ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى

دۇنيادىكى بازار ئىگىلىكى ئىقتىسادى ئەڭ تەرەققىي قىلغان G7 دۆلەت رەھبەرلىرى، 7-ئاپرېل (شەنبە) سۈرىيەدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ دۇما ناھىيەسىدە قىلغان خىمىيەلىك ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.

G7 دۆلەت رەھبەرلىرى خىمىيەلىك ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترېدۇ G7 دۆلەتلىرىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى بولۇش سۈپىتىدە رەھبەرلەر نامىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«بىز G7 دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى سۈرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي غۇتەدىكى ھۇجۇمىدا خىمىيەلىك قورال ئىشلەتكەنلىكىنى ئەيىبلىمەكتىمىز.»

ئۇ، ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيەنىڭ بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ خىمىيەلىك قورال ئىقتىدارىنى يوقىتىش، كەلگۈسىدە بۇ خىل ۋەقەلەرنىڭ قايتا يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن بارلىق تىرىشچانلىقلىرىنى كۈچىنىڭ بارىچە قوللىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

باش مىنىستىر جاستىن ترېدۇ باياناتىدا يەنە مۇنداق دېدى:

«خىمىيەلىك قوراللارنى ئىشلىتىش، خىمىيەلىك قوراللار كېلىشىمىگە خىلاپ بولۇپ، خەلقئارالىق تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلىدۇ. بۇنىڭدىن بۇرۇن بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ تەكرار-تەكرار خىمىيەلىك قورال ئىشلەتكەنلىكى مۇستەقىل خەلقئارالىق تەشكىلاتلار تەرىپىدىن توغرىلانغان ئىدى. يەرلىك خەلقلەرنى تېررورلۇققا مەجبۇرلاپ، مەجبۇرىي قوبۇل قىلىدۇرۇش ئۈچۈن قەستەن يولغا قويۇلغان بۇنداق ئىستراتېگىيەنى ئەيىبلەيمىز. سۈرىيەنىڭ خىمىيەلىك قورال ساقلىشى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2118-نومۇرلۇق قارارىغا ۋە خىمىيەلىك قوراللار كېلىشىمىگە خىلاپتۇر. بىز بۇ قوراللارنى ھەر قانداق جاي، ھەر قانداق ۋاقىت ۋە شارائىت ئاستىدا ئىشلەتكەنلەرنىڭ جازاسىز قېلىشىغا قارشىمىز، بىز سۈرىيەدىكى توقۇنۇشلارغا دىپلوماتىك چارە-تەدبىرلەرنى تېپىش ئۈچۈن قەتئىي قارارغا ئىگىمىز. ب د ت سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى ستېفان دېمىستۇرانىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2254-نومۇرلۇق قارارى ۋە جەنۋە خىتابنامىسىگە ئاساسەن كەڭ دائىرەلىك ھەمدە ئىشەنچلىك سىياسىي ئۆتكۈنچى باسقۇچ يارىتىش يولىدىكى تىرىشچانلىقلىرىنى تەقدىرلەيمىز ۋە قوللايمىز.»

7-ئاپرېل بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي غۇتەدە ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان دۇما ناھىيەسىگە قىلغان خىمىيەلىك ھۇجۇمىدا 78 ئادەم جېنىدىن ئايرىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر