تۇنىستا ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئىش تاشلىدى

تۇنىستا ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ھۆكۈمەتتىن مائارىپ تۈزۈمى ۋە ئىجتىمائىي شارائىتلارنى ياخشىلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ ئىش تاشلىدى.

تۇنىستا ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئىش تاشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۇنىستا تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ھۆكۈمەتتىن مائارىپ تۈزۈمى ۋە ئىجتىمائىي شارائىتلارنى ياخشىلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ دەسلەپ نامايىش ئۆتكۈزدى، ئارقىدىن ئىش تاشلىدى.

تۇنىس ئومۇمىي ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى فېدېراتسىيەگە قاراشلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئۇيۇشمىسىنىڭ چاقىرىقىغا بىنائەن تۇنىستىكى مائارىپ باشقارمىسى ئالدىغا يىغىلغان ئوقۇتقۇچىلار، تەلەپلىرىگە قۇلاق سالمىغان ھۆكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈرۈشتى.

نامايىشقا قاتناشقان تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى راۋدا بىن ئىيپا ھۆكۈمەتنىڭ مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشكە سوغۇق قارىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

راۋدا بىن ئىيپا ھۆكۈمەتتىن مۇنداق ئۈچ ئىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى: «پىنسىيە يېشىنى 60تىن 55گە تۆۋەنلىتىش، مائارىپنى ياخشىلاش ئۈچۈن مائارىپچىلارنىڭ كۈچىدىن تولۇق پايدىلىنىش ۋە مائارىپچىلارنىڭ ماددىي شارائىتىنى ياخشىلاشتۇرۇش.»

پايتەختتىن سىرت باشقا شەھەرلەردىمۇ بۇنىڭغا ئوخشاش نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى.

مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ تەلەپلىرىگە بىپەرۋا مۇئامىلە قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن مائارىپچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلمايدىغانلىقلىرىنى ئۇقتۇرۇشتى. مائارىپ مىنىستىرى خاتىم بىن سەلىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان نەتىجىلىرى ئېلان قىلىنمىسا ئوقۇتقۇچىلارغا مائاش بېرىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سانلىق-مەلۇماتلارغا قارىغاندا، تۇنىستا 6070 تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بار بولۇپ، بۇ مەكتەپلەردە 142260 ئوقۇتقۇچى خىزمەت قىلىدىكەن.


خەتكۈچ: تۇنىس

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر