مىسىر پارلامېنتى چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارغا پۇقرالىق بېرىشنى مەزمۇن قىلغان قانۇننى ماقۇللىدى

مىسىر پارلامېنتى، 400 مىڭ دوللارغا يېقىن مەبلەغ سالغان چەت ئەللىكلەرگە مىسىر پۇقرالىقىغا ئۆتۈش ئىلتىماس سۇنۇش سالاھىيىتى بېرىشنى مەزمۇن قىلغان قانۇن لايىھەسىنى قوبۇل قىلدى.

مىسىر پارلامېنتى چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارغا پۇقرالىق بېرىشنى مەزمۇن قىلغان قانۇننى ماقۇللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىر پارلامېنتىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكەن لايىھەدە، «مەخسۇس مەبلەغ سېلىش ۋىزىسى بىلەن ئۇدا 5 بەش يىل مىسىردا تۇرغان ۋە مىسىر دۆلەت خەزىنىسىگە كەم دېگەندە 7 مىليون مىسىر جۇنەيھى زاكالەت ياتقۇزغان چەت ئەل پۇقرالىرى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا پۇقرالىققا ئۆتۈش ئىلتىماسى سۇنسا بولىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى ۋە ئىلتىماسلارنى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ بىۋاسىتە تەكشۈرۈدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

زاكالەت پۇلىنى ھېساباتقا قويۇش ئۇسۇلى ۋە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ پۇللىرىنى قايسى بانكىلارنىڭ قوبۇل قىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلار ئېلان قىلىنمىغاننىڭ سىرتىدا مىسىر پۇقرالىقىنىڭ مەبلەغ سالغۇچىلارغا قانداق ئەۋزەللىكلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقى توغرىسىدىمۇ مەلۇمات بېرىلمىدى.

نۆۋەتتە مىسىر ئىقتىسادىي ئىسلاھاتلار پىلانىنى ئورۇندىماقتا. ئىسلاھاتلارنى مىسىرغا قەرز بېرىپ تۇرغان خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى نازارەت قىلماقتا.

مىسىر سېلىنمىغا كۈچلۈك ئېھتىياجلىق بولۇپ، چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارغا مۇۋاپىق شارائىتلارنى يارىتىپ بېرىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدىمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر