بۇلغارىيەدە بايقالغان «قوي ۋاباسى» مىنىستىر ۋە باشقا ئەمەلدارلارنىڭ بېشىغا بالا بولدى

بۇلغارىيە يېزا ئىگىلىكى مۇئاۋىن مىنىسىرى تىسۋېتان دىمىتروۋ بىلەن بەزى مەسئۇللار ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى.

بۇلغارىيەدە بايقالغان «قوي ۋاباسى» مىنىستىر ۋە باشقا ئەمەلدارلارنىڭ بېشىغا بالا بولدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇلغارىيەنىڭ بوياروۋو يېزىسىدا «قوي ۋاباسى» دەپمۇ بىلىنىدىغان بىر ۋىرۇس بايقالدى.

رايون دەرھال كارانتىناغا ئېلىندى ۋە 4000 مىڭدىن كۆپرەك پادا يوقۇتۇپ تاشلاندى.

بۇلغارىيە ئاخباراتلىرىدا ئورۇن ئالغان خەۋەرلەردە، ئىنتايىن تىز يۇقىدىغان ۋە «Peste des Petits Ruminants (PPR)» دەپمۇ ئاتىلىدىغان بىر ۋىرۇسنىڭ بايقالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بۇلغارىيە دائىرىلىرى ۋىرۇسنىڭ پادىلارنىڭ %90 نى دېگۈدەك ئۆلتۈرەلەيدىغان دەرىجىدە كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.

ئالاقىدار مەسئۇللار قوي ۋە ئۆچكىلەرنىڭ 10 كۇۋادىرات كېلومېتىرلىق بەلگىلىك رايوندىن سىرتقا چىقىشىنى مەنئىي قىلغاندىن كېيىن، پادىلارنى يوقۇتۇش خىزمەتلىرىنى باشلىدى.

بىراق بۇ ئىش رايون خەلقىنىڭ قاتتىق نارازىلىقنى قوزغىدى. پادىلارنىڭ ئۆلتۈرۈلىشىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن پادىچىلار بىلەن رايون خەلقى پايتەخت سوفيادا بىر يەرگە جەم بولۇپ، يۈرۈش ئېلىپ باردى.

ۋەقەدىن كېيىن باش مىنىستىر بويكو بورىسسوۋ، يېزا ئىگىلىكى مۇئاۋىن مىنىسىرى تىسۋېتان دىمىتروۋ بىلەن بەزى مەسئۇللارنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىدى.

مەسئۇللارنىڭ بۇلغارىيەدە ئىشلەپچىقارغان سۇت ۋە سۇت مەھسۇلاتلىرىغا چەكلىمە قويۇلماسلىقى ئۈچۈن قاتتىق تەدبىلەرنى يولغا قويغانلىقى بىلدۈرۈلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر