ترامپنىڭ سابىق مەسلىھەتچىسى: ترامپ ئەردوغاننىڭ تالانتىغا مەستانە

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ سابىق باش مەسلىھەتچىسى ستېۋ باننون ترامپ كۈچلۈك رەھبەر جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تالانتىغا مەستانە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ترامپنىڭ سابىق مەسلىھەتچىسى: ترامپ ئەردوغاننىڭ تالانتىغا مەستانە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باننون CNBC  قۇرۇلمىلىق مەبلەغ سالغۇچىلار كونفېرانسىدا قىلغان سۆزىدە، ترامپنىڭ بەزى دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرىنى ياخشى كۆرۈشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ترامپ ئەردوغاننى ياخشى كۆرىدۇ، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىمۇ ياخشى كۆرىدۇ، چۈنكى ترامپ كۈچلۈك رەھبەرلەرنى ياقتۇرىدۇ، باشقىچە ئېيتقاندا، دۆلىتى ئۈچۈن ھېچنېمىسىنى ئايىمايدىغان، خەلقى ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەيدىغان، بۇ يولدا ئىزچىل ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان، مىللەتچى، باشقىلارنىڭ نېمە دېيىشىگە قىلچە پىسەنت قىلمايدىغان كۈچلۈك رەھبەرلەرنى ياقتۇرىدۇ. قىسقىسى، ترامپ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا ئوخشاش تالانتلىق ۋە كۈچلۈك رەھبەرلەرنىڭ مەستانىسىدۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر