ترامپ «CİA» نىڭ سابىق دىرېكتورىنىڭ رۇخسىتىنى ئەمەلدىن قالدۇردى

دونالد ترامپ ئامېرىكىنىڭ نۇقتىلىق مەلۇماتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ئاساسىي قانۇندىكى پەۋقۇلئاددە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ترامپ «CİA» نىڭ سابىق دىرېكتورىنىڭ رۇخسىتىنى ئەمەلدىن قالدۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزدېنتى دونالد ترامپ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن فىنلاندىيە پايتەختى خېلسىنكىدا ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىغا «خائىنلىق» دەپ باھا بەرگەن ئامېرىكا مەركىزىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى «CİA» نىڭ سابىق دىرېكتورى جون برېنناننىڭ بىخەتەرلىك رۇخسىتىنى ئەمەلدىن قالدۇردى.

جون برېنناننىڭ بىخەتەرلىك رۇخسىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىغا دائىر دونالد ترامپ ئېلان قىلغا يازما باياناتتا: «دۆلىتىمنىڭ نۇقتىلىق مەلۇماتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ئاساسىي قانۇندا پەۋقۇلئاددە بىر مەسئۇلىيىتىم بار. بۈگۈن بۇ مەسئۇلىيىتىمنى ئورۇنداش ئۈچۈن ئامېرىكا مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسى «CİA» نىڭ سابىق دىرېكتورى جون برېنناننىڭ بىخەتەرلىك رۇخسىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قارارى ئالدىم» دېيىلدى.

ترامپنىڭ فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى «FBI» نىڭ سابىق دىرېكتورى جامېس كونى قاتارلىق بەزى سابىق خادىملارنىڭمۇ بىخەتەرلىك رۇخسىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى. 

ئامېرىكا مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسى «CİA» نىڭ سابىق دىرېكتورى جون برېننان بولسا، بۇ قارار ھەققىدە توختىلىپ: «ترامپنىڭ بۇ قارارى پىكىر ئەركىنلىكىنى باستۇرۇش تىرىشچانلىقىنىڭ بىر پارچىسىدۇر» دەپ باھا بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر