خىتاي ئامېرىكانى ئۆكتەملىك قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كەڭ دائىرەلىك قوشۇمچە تاموژنا بېجىنى يولغا قويغان ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى سودىدا «ئۆكتەملىك قىلىش» بىلەن ئەيىبلىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

خىتاي ئامېرىكانى ئۆكتەملىك قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي ھۆكۈمىتى بۈگۈنگىچە ئەڭ كەڭ دائىرەلىك قوشۇمچە تاموژنا بېجى پىلانىنى يولغا قويغان ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى «ئۆكتەملىك قىلىش» بىلەن ئەيىبلىدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئامېرىكانى «سودىدا ئۆكتەملىك قىلىش، ئىقتىسادىي تەدبىرلەر بىلەن باشقا دۆلەتلەرنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇش ۋە دۇنيا ئىقتىسادىغا زىيان سېلىش» بىلەن ئەيىبلىگەن.

بېيجىڭ ھۆكۈمىتى يەنە، ۋاشىنگتوننى «ئىقتىساد تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ سودا ئۇرۇشىنى قوزغاش» بىلەنمۇ ئەيىبلىگەن.

ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتى «ئادالەتسىز سودا قىلىش» نى سەۋەب قىلىپ، 24-سېنتەبىر (2018) دىن باشلاپ خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان جەمئىي 200 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى 6 مىڭغا يېتىدىغان مەھسۇلاتنىڭ قوشۇمچە تاموژنا بېجىنى ئۆستۈرگەن ئىدى.

خىتاينىڭ بۇنىڭغا قارشى 60 مىليارد دوللارلىق ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىدىن ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجىنى ئۆستۈردى. خىتاينىڭ ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىغا يۈرگۈزگەن ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك ئېمبارگوسى بۈگۈن (24-سېنتەبىر) رەسمىي يولغا قويۇلدى.

ئامېرىكانىڭ ئېمبارگوسى بىلەن ئىيۇل ئېيى (2018) دىن بۇيان قوشۇمچە تاموژنا بېجى ئېلىنغان خىتاي مەھسۇلاتلىرىنىڭ سودا قىممىتى 250 مىليارد دوللارغا يەتتى. بۇ خىتاينىڭ ئامېرىكاغا قىلغان ئېكسپورتىنىڭ يېرىمىغا باج قويۇلغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

ئامېرىكا سودا مەسئۇللىرى تەمىنلىگەن 2016-يىللىق رەقەملەرگە ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن ئىمپورت ۋە ئېكسپورتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىي تاشقى سودا ئومۇمىي ھەجىمى 578.2 مىليارد دوللار ئىكەن.

خىتاينىڭ ئەڭ كۆپ سودا قىلغان دۆلەت ھېسابلىنىدىغان ئامېرىكانىڭ ئېمبارگوسى نەتىجىسىدە تەخمىنەن 6 مىڭ مەھسۇلاتى تەسىرگە ئۇچرايدۇ. قول سومكىسى، گۈرۈچ ۋە توقۇمچىلىق مەھسۇلاتلىرىغا قوشۇمچە تاموژنا بېجى قويۇلدى، ئەقىللىق سائەت، بوۋاقلار ئۈستىلى قاتارلىقلارغا باج قويۇلمىدى. تىزىملىكتىكى خىتاي مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلغان ئامېرىكا شىركەتلىرى %10 قوشۇمچە باج تۆلەشكە مەجبۇر. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا بىر كېلىشىم ئىمزالانمىغان تەقدىردە ئالدىمىزدىكى يىل بېشىدىن تارتىپ باج نىسبىتى %25 گە چىقىرىلىدۇ.

بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئامېرىكانىڭ كىچىك ئايروپىلان، كومپىيۇتېر ۋە توقۇمچىلىق مەھسۇلاتلىرىغا %5، خىمىيەلىك مەھسۇلاتلارغا، گۆش ۋە ھاراق قاتارلىق مەھسۇلاتلارغا %10 باج قويدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ خىتاي ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك تەدبىرلەرنى يولغا قويغان تەقدىردە «ۋاقىتنى كېچىكتۈرمەستىن ئۈچىنچى باسقۇچنىڭ باشلىنىدىغانلىقى» نى ئېيتقان ئىدى. ئۈچىنچى باسقۇچلۇق پىلاندا، جەمئىي قىممىتى 267 مىليارد دوللارغا يېتىدىغان خىتاي مەھسۇلاتلىرىدىن قوشۇمچە تاموژنا بېجى ئېلىش كۈتۈلمەكتە. بۇنداق بولغاندا، خىتاينىڭ ئامېرىكاغا ئېكسپورت قىلغان بارلىق مەھسۇلاتلىرىدىن قوشۇمچە باج ئېلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر