موسكۋا «قۇرئانى كەرىم» تىلاۋەت مۇسابىقىسىگە ساھىبخانلىق قىلدى

موسكۋادا بۇ يىل 18-نۆۋەتلىك «قۇرئانى كەرىم»تىلاۋەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى.

موسكۋا «قۇرئانى كەرىم»  تىلاۋەت مۇسابىقىسىگە ساھىبخانلىق قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادا بۇ يىل 18-نۆۋەتلىكى ئۆتكۈزۈلگەن «قۇرئانى كەرىم»  تىلاۋەت مۇسابىقىسى زور ئالقىشقا ئېرىشتى.

رۇسىيە مۇپتىلار كېڭىشىنىڭ كىروكۇس زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىگە 32 دۆلەتتىن كەلگەن ماھىر قاتناشتى.

ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە بەش ماھىر مۇسابىقىلەشتى، مۇسابىقىنىڭ بىرىنچىسى ئىراندىن كەلگەن ماھىر بولغان بولسا، ئىككىنچىسى بەھرەيىنلىك، ئۈچىنچىسى سۈرىيەلىك ماھىر بولدى.

بۇ ئۈچ ماھىرنىڭ مۇكاپات سۈپىتىدە ئۆمرە ئىبادىتى ئۈچۈن مەككىگە ئەۋەتىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر