ئەردوغان «پايتەخت ئابدۇلھەمىد» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى ئېكسپورت قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتىنى تەكىتلىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ت ر ت 1 قانىلىدا تارقىتىلىشقا باشلىغاندىن بۇيان تاماشىبىنلارنىڭ كۈچلۈك قىزىقىشىغا ئېرىشكەن «پايتەخت ئابدۇلھەمىد» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى توغرىسىدا توختالدى.

ئەردوغان «پايتەخت ئابدۇلھەمىد» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى ئېكسپورت قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتىنى تەكىتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ت ر ت 1 قانىلىدا تارقىتىلىشقا باشلىغاندىن بۇيان تاماشىبىنلارنىڭ كۈچلۈك قىزىقىشىغا ئېرىشكەن «پايتەخت ئابدۇلھەمىد» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ ئوخشاش بولمىغان تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تېز سۈرئەتتە ئېكسپورت قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئىستانبۇلدىكى يىلدىز (يۇلتۇز) سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ۋاپاتىنىڭ 100 – يىلىدا سۇلتان ئابدۇلھەمىدنى چۈشىنىش» ناملىق پائالىيەتتە سۆز قىلىپ، بىر مىللەتنى مەۋجۇت قىلىدىغان ئامىلنىڭ ئۇنىڭغا ئەسلىمە ۋە خاراكتېر بېغىشلىغان نەرسىلەر، تارىخىي ۋەقەلەر جۇغلانمىسىدىن تەشكىل تاپىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

تۈرك تارىخىدىن ئىپتىخارلىنىدىغانلىقلىرىنى، ھەر مىللەتنىڭ بۇنداق بىر تارىخقا ئىگە ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان، ئۆتمۈشتىن ساۋاق ئېلىشقا سەل قارىماي كەلگەنلىكلىرىنى ئەسكەرتتى.

ئابدۇلھەمىد خانغا ئەڭ كاتتا يىراقنى كۆرەر ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئاڭغا ئىگە زاتلارنىڭ بىرى، دەپ قارايدىغانلىقىنى قەيت قىلغان ئەردوغان، «ئابدۇلھەمىد خاننىڭ <بىرلىك ۋە باراۋەرلىك ھەرقانداق كۈچتىن ئۈستۈندۇر> دېگەن سۆزى ھازىرمۇ دۆلەت ۋە خەلق بولۇپ، بىزنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىمىزگە يېتەكچى بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا» دېدى.

«پايتەخت ئابدۇلھەمىد» كە ئوخشاش بىر تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى كۆرۈرمەنلەر بىلەن دىدارلاشتۇرغان ت ر ت غىمۇ مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان، بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ دۇنيانىڭ ئوخشاش بولمىغان ئەللىرىگە سۈرئەت بىلەن ئېكسپورت قىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئەردوغان، تارىخچى پىروفېسسور دوكتور ئىلبەر ئورتايلىنىڭ تەبىرى بويىچە، دۇنيانىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئالەمشۇمۇل ئىمپېراتورى دېگەن نامنى قالدۇرۇپ كەتكەن سۇلتان ئابدۇلھەمىدنى رەھمەت ئىچىدە ئەسلەيدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر