«چاغداش يىپەك يولى-شى جىنپىڭنىڭ ماركوپولو ئىستىراتېگىيەسىدۇر»

كىچىك ئارال دۆلەتلىرىنىڭ تەيۋەن بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزۈشى ۋە تەتقىقاتچى جوسېف مېينىڭ «چاغداش يىپەك يولى-شى جىنپىڭنىڭ ماركوپولو ئىستىراتېگىيەسىدۇر»دېگەن تەبىرى توغرىسىدا مۇلاھىزە

«چاغداش يىپەك يولى-شى جىنپىڭنىڭ ماركوپولو ئىستىراتېگىيەسىدۇر»

«چاغداش يىپەك يولى - شى جىنپىڭنىڭ ماركوپولو ئىستىراتېگىيەسىدۇر»

خىتاينىڭ خەلقئارادا ھەر قايسى ساھەلەردە نوپۇزىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ بەزى دۆلەتلەر تەيۋەن بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈشكە باشلىدى، مەسىلەن، ئاخىرقى قېتىم ئوتتۇرا ئامېرىكا دۆلىتى پاناما تەيۋەن بىلەن ئۇزۇن يىللاردىن بېرى داۋاملىشىپ كەلگەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزدى. پاناما تەيۋەن ھۆكۈمىتىنى ئېتىراپ قىلىپ كېلىۋاتقان ساناقىلا دۆلەتلەردىن بىرى ئىدى.  بۇلتۇر دېكابىردىمۇ ئافرىقىدىكى ئارال دۆلەتلىرىدىن Sao Tomeبىلەن Principe تەيۋەننىڭ ئورنىغا خىتاي دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى.  تەيۋەن  پانامانىڭ قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، بېيجىڭ بىلەن بۇ جەھەتتە رىقابەتلەشمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى، تەيۋەن پىرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن بۇلتۇر پانامانى زىيارەت قىلغانىدى، شۇنداق قىلىپ تەيۋەننى قانۇنلۇق ھۆكۈمەت سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلغان دۆلەتلەر خىتاي بىلەن ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتى بولمىغان ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم ئارال ۋە كىچىك دۆلەتلەر بىلەنلا چەكلىنىپ قالدى، دېمەككى خىتاينىڭ خەلقئارادىكى نوپۇزىنىڭ ئېشىشىىغا ئەگىشىپ تەيۋەننى قانۇنلۇق ھۆكۈمەت سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ سانى بارغانچە ئازايماقتا. خىتاينىڭ قۇدرەت تېپىشى تەيۋەننىڭ خەلقئارادا تېخىمۇ يېتىم قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارامدۇ؟

تەتقىقاتچى جوسېف نېي خىتاينىڭ چاغداش يىپەك يولى ئىستىراتېگىيەسىنى شى جىنپىڭ ماركو پولو ئىستىراتېگىيەسى دەپ  ئاتىدى. بۇ ئىبارىنىڭ مۇشۇنداق ئاتىلىشىدىكى سەۋەب نېمە؟



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر