سۈرە نەمەل ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟ - 39 (ئاۋازلىق)

سۈرە نەمەل ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟ (39)

قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟ (93)

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار ئېسىڭلاردا بولسا كېرەك، «قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ ئالدىنقى بۆلىمىدە سىلەرگە سۈرە شۇئەرانىڭ نازىل بولغان ۋاقتى  ۋە قىسقىچە تارىخىي ئارقا كۆرىنىشىنى ئاڭلاتقان ئىدۇق. بۈگۈنكى بۆلۈمىدە بولسا، سۈرە نەمەلنىڭ ئاتىلىشى، نازىل بولغان ۋاقتى ۋە قىسقىچە تارىخىي ئارقا كۆرىنىشىنى ئاڭلىتىمىز.

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

سۈرە نەمەل ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

ئاتىلىشى :

سۈرىنىڭ ئىسمى ئۇنىڭ 2 ـ رۇكۇسىدىكى «وَادِي النَّمْلِ»«چۈمۈلىلەر ۋادىسىي» دېگەن 18 ـ ئايەتتىن ئېلىنغان. يەنى، «بۇ نەمەل قىسسىسى تىلغا ئېلىنغان سۈرە» ياكى «نەمەل دېگەن سۆز ئىشلىتىلگەن سۈرە» دېگەنلىك بولىدۇ. 

 نازىل بولغان ۋاقتى :

سۈرىنىڭ مەزمۇنى بىلەن بايان ئۇسلۇبى ئوتتۇرا مەككە دەۋرىدە نازىل بولغان سۈرىلەرنىڭكى بىلەن پۈتۈنلەي ئۇخشاش بولۇپ، ھەدىسلەرمۇ مۇشۇ تەرىپىنى كۈچلەندۈرىدۇ. ئىبنى ئابباس، جابىر ئىبنى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇملار «ئىلگىرى سۈرە شۇئەرا، ئاندىن سۈرە نەمەل، ئاندىن سۈرە قەسەس نازىل بولغان» دەپ رىۋايەت قىلىدۇ.

تېماتىك مەزمۇنى :

بۇ سۈرە ئىككى خۇتبىدىن تەشكىل قىلغان بولۇپ، بىرىنچى خۇتبە سۈرىنىڭ باشلىنىشىدىن تارتىپ تۆتىنچى رۇكۇنىڭ تاماملىنىشىغا قەدەر داۋام قىلىدۇ. ئىككىنچى خۇتبە بەشىنچى رۇكۇدىن تاكى سۈرىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر داۋام قىلىدۇ.

بىرىنچى خۇتبىدە، «قۇرئاننىڭ يېتەكچىلىكىدىن مەنپەئەتلىنىشكە شۇنداقلا ئۇنىڭ بىشارەتلىرىگە لاياقەتلىك بولۇشقا پەقەت شۇ خىل كىشىلەرلا ھەقلىق ئىكەنكى، ئۇلار بۇ كىتابتىكى كائىناتنىڭ ئاساسلىق ھەقىقىتى ئورنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلىۋاتقان ھەقىقەتلەرنى ئېتىراپ قىلىدۇ. ئېتىراپ قىلغاندىن كىيىن ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھاياتىدىمۇ ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىش ۋە ئەگىشىش يولىنى تاللايدۇ. ئەمما بۇ يولدا مېڭىشتا ئەڭ چوڭ توسالغۇ بولىدىغان نەرسە ئاخىرەتنى ئىنكار قىلىش بولۇپ، بۇ قاراش ئىنساننى مەسئۇلىيەتسىز، دۇنيالىق ھاياتقا مەھلىيا، نەپىسنىڭ قۇلى قىلىپ قويىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىنساننىڭ ئاللاھقا باش ئىگىشى، نەپسى خاھىشلىرىغا قويۇلغان ئەخلاقىي چەكلىمىلەرگە بەرداشلىق بېرىشى مۈمكىن بولمايدىغان يەرگە كېلىپ قالىدۇ» دېيىلگەن بولۇپ، بۇ مۇقەددىمىنىڭ ئارقىدىنلا تۆۋەندىكىچە ئۈچ خىل ئەخلاق نەمۈنىسى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.

*** **** **** **** ****

1 ـ  نەمۇنە، ئاخىرەتكە پەرۋا قىلماسلىق ۋە شۇنىڭ نەتىجىسى بولغان ئۆز نەپسىگە قوللۇق قىلىش بولۇپ، بۇ پىكىر ئاساسىدا ئەخلاقىي قۇرۇلمىسىنى تىكلەپ چىققان پىرئەۋن ۋە سەمۇد قەۋمىنىڭ كاتىۋاشلىرى شۇنداقلا لۇت قەۋمىنىڭ ئاسىيلىرى مىسال كەلتۈرۈلىدۇ. ئۇلار مۆجىزىلەرنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ يەنىلا ئىمان ئېيتىشقا ئۇنىماستىن، خەيرىلىك ۋە ئىسلاھات تەرەپكە چاقىرغۇچى ھەربىر ئىنساننى يامان كۆرىدىغان بولۇپ قىلىشقان ئىدى. ئۇلار ئەقىل ئىگىسى بولغان ھەرقانداق ئادەمگە بەش قولدەك ئۇچۇق كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان ئەشۇ ئىپلاس قىلىقلىرىنى تەرسالىق بىلەن داۋاملاشتۇرىۋەردى. ھەتتا ئىلاھىي ئازابقا دۇچار بولۇشتىن بىرەر مىنۇت بولسىمۇ بۇرۇنراق ھۇشىنى تاپمىدى. 

2 ـ نەمۇنە، سۇلەيمان ئەلەيھىسسالام بولۇپ، ئاللاھ ئۇنىڭغا ھۆكۈمەت، بايلىق شانۇ ـ شەۋكەت، ھەشەمەت دېگەنلەرنى، تاكامۇللاشتۇرۇپ شۇ قەدەر كەڭ ئاتا قىلغانكى، ھەتتا مەككە كۇپپارلىرىنىڭ كاتتىۋاشلىرى چۈشىدىمۇ ئۇنى تەسەۋۋۇر قىلالمايتتى. سۇلەيمان ئەلەيھىسسالام شۇنداقتىمۇ ھەردائىم نېئمەتنى ئاتا قىلغۇچى ئالدىدا تەشەككۈر  ئۈچۈن باش ئىگىپ تۇراتتى، بۇلارنىڭ ھەممىنى ئاللاھنىڭ ئاتا قىلغانلىقىنى ھېس قىلاتتى. ئۆزىنى ئاللاھنىڭ ئالدىدا جاۋاپكار دەپ ئويلايتى. ئۇنىڭ پۈتۈن ھاياتىدىن ۋە ئەخلاق، ئىش ئىزلىرىدىن مەنمەنلىك، تەكەببۇرلۇق دېگەننىڭ زەررىچە ئەسىرىنىمۇ تاپقىلى بولمايتتى.

3 ـ نەمۈنە، ”سەبە“نىڭ ئايال پادىشاھى بولۇپ، ئۇ ئەرەب تارىخىدىكى ئىنتايىن باياشات بىر قەۋمگە ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى. ئۇنىڭدا ئىنساننى تەكەببۇرلۇق ئازگىلىغا تىقىپ قويۇدىغان پۈتۈن باياشاتلىق ۋاستىلىرى مەۋجۇت ئىدى. ئىنساننىڭ مەنمەنلىك قىلىشىغا سەۋەپ بولىدىغان ئۇنىڭدىكى باي ـ باياشاتلىق پۈتۈن قۇرەيش كاتىۋاشلىرىنىڭكىگە سېلىشتۇرغاندا نەچچە مىڭ ھەسسە ئۈستۈن ئىدى. يەنە كېلىپ، ئۇ بىر مۈشرىك قەۋمگە چېتىشلىق بولۇپ، ئوجدادلىرىنى تەقلىد قىلىش ۋە ئۆز قەۋمى ئىچىدە ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قىلىش نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ئۇنىڭغا نىسبەتەن شېرىكچىلىكنى تاشلاپ، تەۋھىدنى قوبۇل قىلىش ئادەتتىكى مۇشرىكلەرگە سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ قىيىن ھېساپلىناتتى. ئەمما ئۇنىڭغا ھەق ئايان بولغاندا دۇنيادىكى ھېچ نەرسە ئۇنى ھەقنى قوبۇل قىلىشتىن توسۇپ قالالمىدى. چۈنكى ئۇنىڭ ئازغۇنلىقى پەقەت مۈشرىكانە مۇھىتتا دۇنياغا كۆز ئاچقانلىقىدىن ئىدى. شۇڭا ئۆز نەپسىگە بەندە بولۇپ، ئۆز خاھىشىغا قۇل بولۇش مىكرۇپلىرى ئۇنىڭدىن غالىپ كېلەلمىگەن ئىدى. ئۇنىڭ قەلب - ۋىجدانى ئالاھنىڭ ئالدىدا جاۋاپكارلىققا تارتىلىشنى ھېس قىلىشتىن ئىبارەت ۋىجدانىي تۈيغۇلاردىن خالىي ئەمەس ئىدى. 

*** **** **** ***** *****

ئىككىنچى خۇتبىدە، ھەممىدىن ئىلگىرى كائىناتتىكى بىرقانچىلىغان نامايەن ئالامەتلەر تەرەپكە ئىشارە قىلىپ، مەككە كۇپپارلىرىغا «قېنى ئېيتىپ بېقىڭلار، رىئاللىق سىلەر مۇبتىلا بولغان شېرىكچىلىكنىڭ ھەقلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىۋاتامدۇ ياكى قۇرئان تەلىم بېرىۋاتقان تەۋھىدنىڭ ھەقلىكىگىمۇ؟ » دەپ ئارقا ـ ئارقىدىن سۇئال قويىدۇ. ئاندىن ئۇلارنىڭ ئەسلى كېسىلىگە دېئاگىنۇز قويۇپ، ئۇلارنى بىر نەرسە كۆرۈپ تۇرۇپمۇ، يەنىلا بىر نەرسە كۆرگەندەك بولمايدىغان قارىغۇ ۋە ئاڭلاپ تۇرۇپمۇ بىرنەرسە ئاڭلىغاندەك بولمايدىغان گاسلاردىن قىلىپ قويغان نەرسىنىڭ دەل ئاخىرەتنى ئىنكار قىلىش ئىكەنلىكى، بۇ مەرەزنىڭ ئۇلارنى ھاياتتىكى ھېچ بىر ئىشقا ئەستايىدىل قارىمايدىغان قىلىپ قويغانلىقى، چۈنكى ”ھەممە نەرسە تۈگەپ توپىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ، دۇنيالىق ھاياتتا قىلغان بارلىق ئىشلارنىڭ كىيىن ھېچ بىر نەتىجىسى بولمايدۇ“ دەپ قاراش ئىنساننى ھەق بىلەن باتىلغا ئوخشاش قارايدىغان قىلىپ  قويىدىغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ھاياتلىق قۇرۇلۇشىنىڭ ھەق ئۈستىدە بولۇش ياكى بولماسلىقى شۇ كىشىگە نىسبەتەن ھېچ بىر ئەھمىيىتى بولمىغان مەسىلىگە ئايلىنىپ قالىدىغانلىقى ئېيتىپ بېرىلىدۇ.

لېكىن بۇ تىمىدا قانداقتۇر «غەپلەتتە ياتقانلارنى دەۋەت قىلىشنىڭ پايدىسى يوق» دەپ ئۈمۈتسىزلەندۈرۈش ئەمەس، بەلكى ئۈيقىدىكى كىشىلەرنى سىلكىپ ئويغۇتۇش مەقسەت قىلىنىدۇ. شۇڭا سۈرىنىڭ 6 ـ ۋە 7 ـ رۇكۇلىرىدا، كىشىلەرنىڭ ئاخىرەت تۇيغۇسىنى ئويغۇتىدىغان، غەپلەتتە يېتىشنىڭ يامان ئاقىۋېتىدىن ئاگاھلاندۈرىدىغان سۆزلەر قايتا ـ قايتا تەكرارلىنىدۇ. ئۇلارنى ئاخىرەتنىڭ كېلىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشەندۈرۈش ئۈچۈن خۇددى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ۋەقەنى بايان قىلىۋاتقاندەك ئوبرازلىق شەكىلدە خىتاب قىلىنىدۇ.

سۈرىنىڭ خاتىمىسىدە، قۇرئان كەرىمنىڭ ئەسلى مەقسىتى، يەنى پەقەت بىرلا  ئاللاھقا بەندىچىلىك قىلىش چاقىرىقى ئىنتايىن تەسىرلىك بىر شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ ۋە بارلىق كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ: «بۇنى قوبۇل قىلساڭلار، ئۆزەڭلارغا پەيدا. ناۋادا رەت قىلساڭلار، ئۆزەڭلارغا زىيان. ئەگەر ئۇنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئالامەتلىرىنى كۈتسەڭلار، يەنى، ئۇنى كۆرگەندىن كىيىن ئىمان ئىيتماقتىن باشقا چارە قالمايدىغان روشەن نىشانىلىرىنى كۈرۈشنى ساقلىساڭلار، بىلىپ قويۇڭلاركى، ئۇ چاغدا دەل قارار چىقىرىلىدىغان پەيت (يەنى، قىيامەت كۈنى) كېلىپ قالغان بولىدۇ. ئۇنداق پەيتتە ئىمان ئېيتقىنىڭلارنىڭ ھېچقانداق ھاسىلى بولمايدۇ» دېيىلىدۇ.

 

**** ******** ***

ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن «قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟» ناملىق پىروگراممىمىزنى مۇشۇ يەردە توختىتىمىز. ئىنشائاللاھ پىروگراممىزنىڭ كېلەر ھەپتىلىك بۆلىمىدە سۈرە قەسەسنىڭ ئاتىلىشى، تارىخىي ئارقا كۆرىنىشى، نازىل بولۇش سەۋەپلىرى ۋە مەزمۇنىنى ئاڭلىتىمىز.

كېلەر ھەپتە يەنە ئوخشاش ۋاقىتتا دىققىتىڭلار ئاڭلىتىشىمىزدا بولسۇن. خەير خوش.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر