پارچىلانغان كىملىكلەر (ئاۋازلىق)

«دۇنيا كۆزنىكى»  (06)

پارچىلانغان كىملىكلەر (ئاۋازلىق)

پارچىلانغان كىملىكلەر (ئاۋازلىق)

 

«دۇنيا كۆزنىكى»  (06)

پارچىلانغان كىملىكلەر

(پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇل)

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «دۇنياغا نەزەر» يەنى «دۇنيا كۆزنىكى» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا ئەنقەرە يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇلنىڭ « پارچىلانغان كىملىكلەر » تېمىلىق ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز:

بارغانچە پارچىلىنىۋاتقان كىملىكلەر ۋە مەنسۇبىيەتلەر ئىسانىيەتنى زادى قەيەرگە سۆرىمەكتە؟

ھازىرقى دەۋرىمىزگە ۋە ۋەقەلەرگە قارايدىغان بولساق، 1 – دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىلگىرىكى دەۋرلەرگە نەقەدەر ئوخشىشىپ كېتىپ بارغانلىقىنى كۆرىمىز. يۈز بەرگەن ئىشلاردىن ئىبرەت ئالمايدىغان بولساق، تارىخ يەنە ئۆزىنى تەكرارلايدۇ. بۇنىڭدىن يۈز يىل ئىلگىرىمۇ دۇنيانى يېڭى كىملىكلەر ۋە يېڭى مەنسۇبىيەتلەر مالىمان قىلغان ئىدى. ئىمپېرىيەنىڭ كىملىكلىرىگە ئۇرۇش ئېچىلغان ۋە ھەممىلا يەردە يىلتىزى يوق، تارىخسىز يېڭى شەكىللەندۈرۈلگەن كىملىكلەر ئۈنۈپ چىقىشقا باشىلغان ئىدى.  بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئارقىمۇ - ئارقىدىن ئوسمانلى، ئەنگلىيە، ئاۋستېرىيە ۋە ھونگېرىيەنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئىىپېرىيەلەر پارچىلىنىپ تۈگىدى. 

تۆۋەندە سىلەرگە ئەنقەرە يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇلنىڭ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

**** ** *** ** * *** ** *** ** **

 ئەپسۇسكى، دۇنيا فىرانسىيە ئىنقىلابىنىڭ ۋە مىللىي دۆلەتچىلىك ئېقىمىنىڭ ئېلىپ كەلگەن بالايى – ئاپەتلىرىدىن تېخىچە قۇتۇلالماي كەلمەكتە. بۇ كېسەللىك دولقۇنى قەدەممۇ قەدەم پۈتۈن دۇنيانى زەھەرلەشنى داۋاملاشتۇرماقتا. بۇنىڭ ئۈچۈنلا ئىنسانىيەتنىڭ ئىككى دۇنيا ئۇرۇشىدا تۆلىگەن بەدەللىرىمۇ  يەتمەيۋاتماقتا. بۇ ئاپەت ھازىرمۇ كونا خۇيى بىلەن پۈتۈن دۆلەتلەرنىڭ بېشىدا قارا بۇلۇتتەك ئايلىنىپ يۈرمەكتە.

ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق، 1 – دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىلگىرىكىگە ئوخشاش بىر ۋەزىيەتكە دۈچ كەلگەنلىكىمىزنى كۆرىمىز. پارچىلانغان بالقانلار، شەرقي ياۋروپا، ئوتتۇرا شەرق ۋە پارچىلىنىش يولىغا كېتىۋاتقان ئىسپانىيە... ۋەھاكازالار.

پارچىلانغان ياكى پارچىلىنىش يولىغا كېتىۋاتقانلار پەقەتلا دۆلەتلەر ئەمەس، بەلكى يېڭىدىن شەكىللەندۈرۈلىۋاتقان ھالاكەتلىك، كىملىكلەر بىلەن تەڭ ئاپتونۇملاشتۇرۇلغان مەنسۇپلۇقلار ۋە رايونلارنىڭ ھەممىسى خۇددى پارتلاشقا تەييار بومبىغا ۋەياكى مەيدانغا ئايلىنىپ قالماقتا ۋە ئايلاندۇرۇلماقتا.

ئىمپېرىيەلەر دەۋرىنىڭ ئاخىرلىشىشى شۇنداقلا يېڭىدىن شەكىللەنلەنگەن كىملىكلەر ۋە يېڭى دۆلەتلەر بىلەن دۇنيا تېخىمۇ راھەت - پاراغەتكە ئېرىشەلىگىنى يوق. بەلكى دەل ئەكسىچە تېخىمۇ كۆپ پارچىلانغان بىر دۇنيا بىلەن بارلىق دۆلەتلەر تېخىمۇ بەك يەرشارىلاشقان ئىمپېرىيالسىت ئاكتىيورلارنىڭ ھۇجۇملىرى ئالدىدا تېخىمۇ بەك مۇداپىئەسىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان ۋەزىيەتتە تۇرماقتا.

ئۇنداقتا تېخىمۇ بەك پارچىلانغان مەنسۇبىيەتلەر دۇنيانى زادى قەيەرگە سۆرىمەكتە؟

ئىرق ۋە مەزھەپ ئاساسىدىكى پارچىلىنىشلار زادى قەيەردە توختايدۇ؟ 

ئەسلىدە بۇ ئىنسنانلار بىلەلمەي قىلىۋاتقان ئەھۋاللار ئەمەس. ياۋروپانىڭ فېئودالىزم دەۋرىدە، فېئودال ئۇششاق بەگلىكلەرنىڭ زېمىنلىرى بىلەن قوشۇپ بويۇملاشتۇرۇلغان ۋە ئېلىپ - سېتىپ يۈرگەن ياكى قوللاشتۇرۇلغان ئىنسانيەتنىڭ ھالىنى ھەممەيلەن ئوبدان بىلىدۇ. ئوسمانلى خەلىپىلىكىدىن ئىلگىرى ئانادولو بەگلىكلىرى دەۋرىدە ئىنسانلار قانچىلىك ۋە قەيەرگىچە ئەركىن ھەرىكەت قىلالايتتى؟

دۆلەتلەرنىڭ، كىملىكلەرنىڭ ۋە مەنسۇبىيەتلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ پارچىلىنىشى ئىنسانىيەتكە ئىقتىساد، سودا، سەھىيە، مائارىپ ۋە ساياھەت جەھەتتىن كۈندىلىك تۇرمۇشىنى تېخىمۇ قېيىنلاشتۇرۇشتىن باشقا نېمىگىمۇ ئېرىشتۈرەلىسۇن؟

ئىنسانلارنى ئىجتىمائىيلاشتۇرغان چوڭ توپلۇملارنىڭ بىر پارچىسى ھېس قىلدۇرىدىغان چوڭ كىملىكلەرنىڭ پارچىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئىنسان تېخىمۇ يالغۇزلىشىدۇ. بۇ ئەھۋال نۇرغۇنلىغان پىسىخىئولوگىيەلىك ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي مەسىلىلەردىن باشقا يەنە، تولىمۇ جىددىي خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە بارلىق دۆلەتلەر ئەڭ تەستە بايقىلايدىغان ۋە قارشى تۇرۇشى ئەڭ قېيىنغا توختاۋاتقان جىنايەت گۇرۇھلىرى ياكى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى يالغۇز كىشىلىك ۋەياكى كىچىك گۇرۇپپا شەكلىدىكى تېررولۇق تەشكىلاتلىرىدۇر. پارچە پارچە بولغان كىچىك كىملىكلەر ۋە مەنسۇبىيەتلەر ئەسلىدە، بەلكى كىملىكسىزلەشتۈرۈلگەن، بارلىق قىممەت قاراشلاردىن ئايرىپ تاشلانغان، پەقەتلا كىچىك قۇدۇق ئىچىدە يالغۇز ئۆزىگىلا خاس بىر قىممەت قاراش تىكلىۋالغان كىشى ۋەيا  كىچىك گۇرۇپپىلاردىن تېخىمۇ خەتەرلىكى بولمايدۇ. 

ئەجىبا ئەمدىلىكتە رايونىمىزنىڭ ۋە پۈتۈن دۇنيانىڭ تۆلىگەن شۇنچە بەدەللىرى يەتمەمدۇ؟ زۇلۇم ئاستىدىكى مىللەتلەر ۋە رايونلار تېخىمۇ بەك پارچىلىنىپ، قۇرۇق بىر ئېتنىك ياكى مەزھەپ ئاساسىدىكى ئىرقچىلىق ئۈچۈن يەنە قانچىلىك بەدەل تۆلىشى لازىم؟

يەرشارىلاشقان قارا كۈچلەرنىڭ «پارچىلا، بۆل ۋە باشقۇر» ئويۇنىغا يەنە قاچانغىچە ۋاستە بولىدۇ؟

بۇ قۇرۇق ئىرىقچىلىق ۋە مەزھەپپەرەسلىك نە رىئالىزىمغا، نە ئادىمىيلىققا، نە ئەخلاققا نە ئىسلامغا ياتمايدۇ.  ئۇنداقتا خۇددى نەجىپ فارىلغا ئوخشاش، «توختاڭلار! ئى كۆپچىلىك بۇ كوچا خالتا كوچا. كۆتۈرسەم قولۇمنى قايچىدەك ئېچىلىدۇ» دېيىشىمىز ۋە بار كۈچىمىز بىلەن توۋلىشىمىز لازىم. ئىنسانىيەت ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ پارچىلىنىشنى ۋە ئايرىلىشنى ئەمەس، تېخىمۇ بەك بىر پۈتۈنلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان بىر ئېقىم، بىر قاراش ۋە بىر نىشان يارىتىشىمىز لازىم. تېخىمۇ بەك پارچىلىنىش ۋە شەخسىيەتچىلىكنى ئەمەس، تېخىمۇ بەك ئورتاقلىشىشقا، ئەخلاقىي پىرىنسىپال بىر مەيدانغا ۋە مەدانىلىققا ئىھتىياجىمىز بار. ئالەمشۇمۇل، ئادىمىيلىككە، ئەخلاقىي ۋە ئىسلامى قىممەت قاراشلارغا، تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىك ئىچىدە بىرلىكتە ياشاشقا تېخىمۇ بەك مەنە قوشۇشىمىز لازىم. بۇنىڭغا قارىتا سىياسەتلەرنى بەلگىلەپ چىقىشىمىز لازىم.

ئەمما بۇلارنى زادى قانداق ئىشقا ئاشۇرالايمىز؟

ئەسلىدە بۇنىڭ جاۋابى نامەلۇم ئەمەس. ئىجرا قىلىش تەس. سەبىرچانلىق ۋە قەتئىيلىك بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى داۋاملاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. بىرىنچى بولۇپ، بارلىق دۆلەتلەر ئۆزىدىكى ئېتنىك، ئىددىئولوگىيەلىك، مەزھەبىي ۋە دىنىي گۇۇرپپىلارغا قارىتا تېخىمۇ بەك قاچاقلىغۇچى سىياسەتلەرنى يولغا قويۇشى كېرەك. ئەگەر يولغا قويغان بولسا، خاتا مىساللارغا ۋە ئەيىبلەشلەرگە پەرۋا قىلماستىن، بۇ سىياسەتلىرىدە چىڭ تۇرۇشى، خۇددى يۇنۇس ئەمرىگە ئوخشاش «يارىتىلغۇچىلارنى ياراتقۇچى ئۈچۈن سۆيۈش» پەزىلىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى لازىم.

بۇ خىل سىياسەتلەر بەلكىم يولغا قويۇلغان بولۇشىمۇ مۇمكىن، بىراق يەتمەيدۇ. شۇڭا ئىككىنچىسى بەلكى تېخىمۇ بەك مۇھىمى؛ كىشىلىك ھوقۇق، ئەقەللىي ھەق – ھوقۇق ۋە ئەكىنلىكلەر تاشقى سىياسەتنىڭ ۋاستىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىشى لازىم. بەزى دۆلەتلەردىكى ھەممىلا نەرسىگە ئىستىراتېگىيەنىڭ ۋاستىسى سۈپىتىدە قارايدىغان يامان غەزەرلىكلەرنى، شۇ داۆلەتلەرگە زىيان يەتكۈزۈشنىڭ ئەڭ چىقىمسىز ئۇسۇلى قاتارىدا كۆرمەسلىك لازىم. بۇ ئوخشىمشاسلىقلار ئۇ دۆلەتكە ھۇجۇم قىلىشتا بىرەر سەركە سۈپىتىدە كۆرۈلمەسلىكى، ئوخشاش بولمىغان كىملىك ۋە كۈلتۈرلەرگە ئىگە دۆلەتلەر، ئىمپېرىيالىست ئاكتىيورلارنىڭ بۇ خىل مەقسەتلىرىگە قاتتىق سەگەك بولۇشى، خاتا ئىجرائاتلار ئارقىلىق ئۆز پۇقرالىرىنى بۇ ئاكتىيولارنىڭ قۇچىغا ئىتتىرىپ بەرمەسلىكى لازىم.

شۇنىمۇ بىلىمىزكى، ئېتيقانلىرىمىز نۇرغۇنلىغان ئىنسانلارغا نىسبەتەن بۈگۈنكى دەۋردىكى مەنپەئەت مەركەزلىك تاشقى سىياسەتلەر ۋە ئەمەلىي سىياسەت نۇقتىسىدىن پەقەت بىر ئارزۇ – ئۈمىتتەك  كۆرۈلىشى مۇمكىن . شۇنداق، بۇخىل چۈشەنگەنلەر، يەر شارى خاراكتېرلىق ئىمپېرايالىست ئاكتىيورلارنىڭ ھەرىكەتلىرى ۋە مەقسەتلىرى نۇقتىسدىن تولىمۇ ھەقلىق. قېنى ئۇنداقتا، «بۈگۈنكى دۇنيانىڭ ئەمەلىي سىياسىتى مۇشۇ» دەپلا، قىممەت قاراش مەركەزلىك ھېچقانداق چاقىرىقتا بولمىساقمۇ بولامدۇ؟ ئىنسانىيەتنى مەممىگە ئورتاق ياخشىلىق تەرەپكە چاقىرماسلىقىمىز لازىممۇ؟

شۇنى ئۇنتۇماسلىقىمىز لازىمكى، كىچىك سىياسەتلەرنى بەلگىلىگۈدەك كۈچتە بولمىسىمۇ، ھەممىلا دۆلەتنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا چوقۇم مۆتىدىللىققا ئىگە بىر گۇرۇھ مەۋجۇت بولىدۇ. ئۇزۇن مەزگىل ئىچىدە چوقۇم ياخشىلار غەلبە قىلىدۇ. 

(ئاپتورى: يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇل)

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار! يۇقىرىدا يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇلنىڭ مەسلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق. كېلەر ھەپتە يەنە ئوخشاش ۋاقىتتا، يەنە باشقا ئانالىزلىرىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز. قايتا كۆرۈشكىچە ئامان بولغايسىلەر خەيىر خوش!!

 

 

 

   

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر