ئىسراپ؛ ھەم دىنىي، ھەم ئەخلاقىي ھالاكەتتۇر (ئاۋازلىق)

تۈركىيەنىڭ بارلىق جامەلىرىدە بىر تۇتاش ئوقۇلىدىغان جۇمە خۇتبىلىرى/ 07 - 2018

ئىسراپ؛ ھەم دىنىي، ھەم ئەخلاقىي ھالاكەتتۇر (ئاۋازلىق)

ئىسراپ؛ ھەم دىنىي، ھەم ئەخلاقىي ھالاكەتتۇر

ئەزىز مۇئمىن قېرىنداشلار! جۈمە كۈنىڭلار مۇبارەك بولسۇن!

ئاللاھ تائالا يۇقىرىقى ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ:

«ئۇلار (يەنى مۆئمىنلەر) خىراجەت قىلغاندا، ئىسراپ قىلمايدۇ، بېخىللىقمۇ قىلمايدۇ. بۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا يول تۇتىدۇ» (سۈرە فۇرقان، 67 – ئايەت)

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىس شەرىپتە مۇنداق دەيدۇ:

«كىبىرلەنمەڭلار ۋە ئىسراپچىلىق قىلماستىن، يەڭلار، ئىچىڭقلار، كېيىڭلار ۋە سەدىقە قىلىڭلار» (بۇخارى) 

ئەزىز قېرىنداشلار! مەدىنىدە قاتتىق ئىسسىق ۋە قەھەتچىلىك بولغان كۈنلەرنىڭ بىرسى ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەزرىتى ئەبۇ بەكىر ۋە ھەزرىتى ئۆمەر رەزەيەللاھۇ ئەنھۇملارنىڭ ھەمراھلىقىدا ساھىبىلەردىن بىرسىنىڭ ئۆيىگە زىيارەتكە باردى. ساھابى بۇ قىممەتلىك مېھمانلارنىڭ زىيارىتىدىن ئاجايىپ خوشاللانغان ئىدى. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇنىڭ ئۆيى ۋە بېغىنى زىيارەت قىلىشى ئۇنىڭغا نىسبەتەن رەھمەت ۋە بەرەكەتنىڭ ۋەسلىسى ئىدى. مېھمانلارنى بىر دەرەخنىڭ سايىسىغا باشلاپ، شۇ پەيتە قول ئىلكىدە بار بولغان ۋە تېخى يېڭىلا ئۈزگەن خورمىلىرى بىلەن سوغۇق سۇنى داسقانغا قويدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خورما يەپ، سۇ ئىچكەندىن كېيىن ئاللاھ شۈكرى ئېيتىپ دۇئا قىلدى. ئارقىدىنلا: «سۆرۈن بىر سايىزارلىق، لەززەتلىك خورما ۋە سوغۇق سۇ... ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، قىيامەت كۈنى بۇ بارلىق نېمەتلەر ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىلىمىز» دېدى. (تىرمىزى)

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يوقسۇللۇق ئەۋج ئالغان ئەنە شۇنداق مەزگىلدىمۇ نېمەتلەر ئۈچۈن بېرىلىدىغان ھېسابنى ئەسكە ئېلىپ باشقىلارغىمۇ ئەسكەرتمەكتە ئىدى. مەيلى نامراتلىق ياكى باياشاتلىق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر نېمەتنى قەدىرلەشنى ۋە ئىسراپچىلىقتىن قېچىشنى تەلىم بەرمەكتە ئىدى. چۈنكى دىنىمىزدا ئىسراپ ھارامدۇر. ئىسراپ؛ نېمەتنىڭ ئىگىسى بولغان ئاللاھنىڭ «ئەررەزاق، يەنى رىزىقلاندۇرغۇچى» دېگەن سۈپىتىگە ھۆرمەتسىزلىكتۇر. شۇڭلاشقا ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە مۆئمىنلەرنى تەرىپلىگەندە، «ئۇلار خىراجەت قىلغاندا، ئىسراپ قىلمايدۇ، بېخىللىقمۇ قىلمايدۇ. بۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا يول تۇتىدۇ» دېگەن ئىدى. (سۈرە فۇرقان، 67 – ئايەت)

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ ھەدىس – شەرىپتە «كىبىرلەنمەڭلار ۋە ئىسراپچىلىق قىلماستىن، يەڭلار، ئىچىڭقلار، كېيىڭلار ۋە سەدىقە قىلىڭلار» (بۇخارى) دېيىش ئارقىلىق ئىستېمال قىلىشنىڭمۇ بىر ئەخلاقىي ئۇسۇلى بارلىقىنى تىلغا ئالغان ئىدى. 

ئەزىز قېرىنداشلار! ئىسراپ؛ قول ئىلكىمىزدىكى نېمەت ۋە ئىمكانىيەتلەرنى ئۆلچەمسىز ئىشلىتىش، سورۇپ چېچىش، ھېچ تۈگىمەيدىغاندەك ئاڭسىزلارچە خىراجەت قىلىشتۇر.

ئىسراپ؛ ئاللاھ بەخىش ئەتكەن نېئمەتلەرگە تۇزكۇرلۇق قىلىش بولۇپ، پەقەتلا داسقىنمىز بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىغان كەڭ مەنىلىك بىر تېرمىندۇر.

مەسىلەن؛ ئەقىلدىن ئىبارەت كاتتا نېئمەتنىڭ ئىنساننى ئىمان ۋە ھېكمەتكە ئېلىپ بارالماسلىقى، ئىنسانغا نىسبەتەن ئەڭ چوڭ ئىسراپتۇر. بۇ قىسىغىنە ئۆمرىمىزنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكىمىزگە پايدىسى بولمىغان بېھۆدە ئىشلارغا ئىسراپ قىلىنىشى ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىش بوليىكيى ئوخشاش، زىيانلىق ئادەتلەر بىلەن زېھىنىمىز ۋە بەدىنىمىزنى خەۋپكە ئېتتىرىشمۇ سالامەتلىكنىڭ ئىسراپ قىلىنىشىدۇر. شۇنىڭدەك بىز ئىگە بولغان ئىلىم، بىلىم ۋە تەجرىبىلەرنى ئىنسانىيەتنىڭ خەيرىلىك ئىشلىرى ئۈچۈن ئىشلەتمەسلىكمۇ بىلىمنىڭ ئىسراپىدۇر. 

ئۆزىمىز يارىتىلغان ۋە شۇنىڭدىن ئۇزۇقلىنىدىغان بۇ تۇپراقنى، ھاياتلىق مەنبەيىمىز بولغان سۇ ۋە ھەر بىر نەپەس ئېلىش ئۈچۈن بىز ئېھتىياجلىق بولغان بۇ ھاۋانى رەھىمسىزلەرگە بولغاش تەبىئەتنىڭ ئىسراپىدۇر. 

كەلگۈسى ئەۋلادلارغا ئاۋات، تېخىمۇ ياشىغىلى بولىدىغان بىر مۇھىت قالدۇرۇشىمىز كېرەكلىك تۇرۇپ، بىزگە ئامانەت  قىلىنغان يەر يۈزىنى يامانلىقلارنىڭ ئۇۋىسىغا ئايلاندۇرۇپ قويىشىمىز بولسا، كائىناتنىڭ ئىسراپىدۇر.

ئەزىز قېرىنداشلار! ئازابلانغان ھالدا شۇنى بىلدۈرمەكچىمىزكى، بۈگۈنكى كۈندە تۇلۇق مەنىسى بىلەن ئېيتقاندا بىر ئىسراپچىلىق دۇنياسىدا ياشاۋاتىمىز. بۇزۇپ - چېچىش تۇرمۇشىمىزنىڭ ھەممىلا ساھەىسنى قورشاۋىغا ئېلىۋالغان ئەھۋالدا تۇرماقتا. پۈتۈن ئىنسانىيەت تېخىمۇ كۆپ پۇل تېپىشقا ۋە تېخىمۇ بەك ئىستېمال قىلىشقا تەشۋىق قىلىنماقتا. ھاياتنىڭ مەنىسى خىراجەت قىلىش دەپ چۈشىنىۋىلىنغان بۈگۈنكى دۇنيادا ئەلۋەتتە بىزنىڭمۇ ئېستېمال قىلىش ئېڭىمىز تىزلا زىدىلەنمەكتە. بىر نان ئارىسى بىلىق بىلەن بىر كۈنلۈك قورسىقىمىزنى تويغۇزغىلى بولىدىغان دۆلىتىمىزدە، ھەر كۈنى تەخمىنەن 5 مىليون نان ئەخلەتكە ئېتىلماقتا.  ھەر يىلى 18 مىليون توننا مىۋە ۋە كۆكتاتنى ئىسراپ قىلغانلىقىمىز تۈپەيلى ئەخلەت تاغلىرى شەكىللەنمەكتە.  بۇنىڭ نەتىجىسىدە بىر يىلدىلا 214 مىليارد لىرايىمىزلا ئەمەس، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە سىڭدۈرگەن ئەمگەك، تۆككەن تەرلىرىمىز ۋە بايلىقىمىز، ئەڭ مۇھىمى كەلگۈسىمىز ۋەيران بولماقتا. 

ھالبۇكى، دۇنيادا يىگۈدەك بىر پارچە نان، ئىچىدىغانغا بىر تىمىم سۇ تاپالمىغانلىقى ئۈچۈن ھەر  يىلى 10 مىليونلىغا يېقىن ئىنسان ھاياتىدىن ئايرىلماقتا. بۇنداق ئەھۋالدا چارىسىز، مەھرۇم ئېزىلگەن، يوقسۇللارنىڭ ئۈمىدى بولۇۋاتقان بىزلەرنىڭ يەلكىمىزدە ئىسراپقا قارشى كۈرەش قىلىش ۋەزىپىمىز بار. دۆلىتىمىزدە باشلانغان ئىسراپقا قارشى كۈرەش سەپەرۋەرلىكىنى ھەممەيلەن بىرلىكتە قوللاپ – قۇۋۋەتلىشىمىز لازىم. 

ئەزىز قېرىنداشلار! ئاللاھنىڭ بىزگە ئاتا قىلغان نېئمەتلىرىنىڭ ھەم ئىمتېھان، ھەم ئامانەت ئىكەنلىكىنى قەتئىي ئۇنتۇمايلى! نېئمەتنىڭ بىزنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ بەختىيارلىقىغا ئېرىشتۇرۈشى ئۈچۈن ئالاھىدە كۆڭۈل بولەيلى! ھەر بىر ئىشىمىزدا ئىنساپلىق، ئۆچەملىك ۋە مەيدانى روشەن، قەتئىي بولايلى!  يەپ ئىچىشتە، كېيىم كېيىشتە ۋە چىقىملىرىمىزدا، ئېھتىياجىمىزدىن ئاشۇرىۋىتىشتىن ۋە ماركاپەرەسلىكتىن  ساقلىنايلى! سورۇپ – چېچىشنىڭ كۈنىسىرى ئىنساننى نامراتلىققا ئىتتىردىغانلىقىنى ۋە ئاللاھنىڭ رازىلىقىدىنمۇ ئۇزاقلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئەقلىمىزدىن چىقارمايلى!

ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار خۇتبىمىزنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆگەتكەن مۇنۇ دۇئا بىلەن ئاخىرلاشتۇرماقچىمىز:

«ئى رەببىمىز! بۈتۈن ئىشلىرىمىزدىكى ئىسراپخورلىقىمىزنى، ئۆلچەمسىزلىكىمىزنى، جاھىللىقىمىزنى، خاتالىرىمىزنى ۋە بىزدىنمۇ بەك سەن ياخشى بىلىدىغان ھەر تۈرلۈك ئەيىب نۇقسانلىرىمىزنى ئەپۇ قىلغىن!

ئى رەببىمىز! مەيلى قەستەنلىك، مەيلى چاخچاق بىلەن بولسىمۇ، ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىمىزنى، بىلىپ ياكى بىلمەي سادىر قىلغان گۇناھلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن!» ئامىن! (مۇسلىم



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر