غەربىي تراكيا تۈركلىرىگە قارىتىلغان ئاسېمىلاتسىيە توختىتىلسۇن! (ئاۋازلىق)

«دۇنيا كۆزنىكى» (07)

غەربىي تراكيا تۈركلىرىگە قارىتىلغان ئاسېمىلاتسىيە توختىتىلسۇن! (ئاۋازلىق)

غەربىي تراكيا تۈركلىرىگە قارىتىلغان ئاسېمىلاتسىيە توختىتىلسۇن!

 

«دۇنيا كۆزنىكى»  (07)

غەربىي تراكيا تۈركلىرىگە قارىتىلغان ئاسېمىلاتسىيە توختىتىلسۇن!

(پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇل)

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «دۇنياغا نەزەر» يەنى «دۇنيا كۆزنىكى» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا ئەنقەرە يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇلنىڭ «غەربىي تراكيا تۈركلىرىگە قارىتىلغان ئاسېمىلاتسىيە توختىتىلسۇن!» تېمىلىق ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز:

بىر تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ! ئۆزىڭىزنى مەيلى نېمە دەپ بىلدۈرىشىڭىزدىن (مەيلى گېرمان، ئەرەب، تۈرك، مۇسۇلمان، مەيلى خىرىستىيان ياكى ئاتائېست) قەتئىي نەزەر، مىڭ يىلدىن ئارتۇق سىز ياشاۋاتقان دۆلىتىڭىزدە، ھۆكۈمەت سىزگە «سەن ئۇ ئەمەس» «سەن بىلدۈرگەن ئۇ مىللەت ياكى خەلق بۇ دۆلەتتە يوق) دەپ تۇرىۋالىدۇ.

ئىنسانلارنىڭ ئۆزلىرىنى نېمە دەپ، قانداق كىملىك بىلەن ئاتىشى بىلەن دۆلەتنىڭ زادى نېمە كارى؟ دۆلەتلەر ئۇنىڭدا ياشاۋاتقان خەلق ئۆزىنى نېمە دەپ ئاتىسا ياكى بىلدۈرسە، شۇ شەكىلدە قوبۇل قىلىپ، ھۆرمەت قىلىش مەجبۇرىيىتى بولىدۇ. بەلكىم «ھازىرقى چاغدا شۇنداق ئىشمۇ بولامدۇ؟» دېيىشىڭىز مۇمكىن. 

مەن سىزگە «توغرا دەيسىز، بۇ خىل دەرۋنىڭ ئارقىدا قالغان قالاق، فاشىست قاراشلار ھەرگىزمۇ دەۋرىمىزنىڭ قارشى بولالمايدۇ. پەقەت قەدىمقىي تارىخلاردا قالغان ئاڭسىزلىقنىڭ بىر مىسالى بولالايدۇ» دەپ جاۋاپ بەرگۈم بار ئىدى. ئەپسۇسكى، ئەمەلىيەت دەل ئەكسىچە، يەنە كېلىپ بۇ ئەھۋال ياۋروپا دۆلىتى ھېسابلىنىدىغان گىرېتسىيەدە ھازىرمۇ داۋاملاشماقتا. ئۇ يەردىكى خەلقلەر مىڭ يىلدىن بۇيان گىرېتسىيەدە مۇسۇلمان ۋە تۈرك كىملىكلىرى بىلەن ياشاۋاتقانلىقىنى قوبۇل قىلدۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلماقتا. بۇ دەل غەربىي تراكيا تۈركلىرى باشتىن كەچۈرىۋاتقان پاجىئە!

غەربىي تراكيا تۈركلىرى ئوسمانلى دۆلىتى قۇرۇلۇشتىن ئىلىگىرىلا بۇ يەردە ياشايتتى. ئوسمانلى دۆلىتى چېكىنگەندىن كېيىن غەربىي تراكيادىكى مۇسۇلمان تۈرك ئاز سانلىقلارنىڭ ھەق - ھوقۇقى خەلقئارا قانۇن ۋە ئۆزئارا كېلىشىملەر بىلەن كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمەلىي ئىجرا قىلىشتا بۇ ھەق – ھوقۇقلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك پەقەت قەغەز يۈزىدىلا قالدى. مەن بۈگۈن ئاياق ئاستى قىلىنىۋاتقان بۇ – ھەق - ھوقۇقلاردىن پەقەت بىرسىنىڭلا ئۈستىدەتوختىلىپ ئۆتمەكچىمەن.

 

يارىلانغان ئاڭ

 

سىياسىي، ئىقتىسادىي، كۈلتۈر ھوقۇقى قاتارلىق بۇ بارلىق ھەق – ھوقۇقلارنىڭ مۇھىملىقىدا شەك - شۈبھە يوق.  بىراق ئىنساننىڭ ئۆزىنى نېمە دەپ بىلىشى ۋە نېمە دەپ تەرىپلىشى ئەڭ ئەقەللىي كىشىلىك ھەقلىرىدىن بىرسىدۇر. ئىرقىي ھەق - ھوقۇقىدۇر. كىشىلىك ھوقۇق خەلقئارا باياننامىسىنىڭ 6 – ماددىسىدا «ھەممە كىشى مەيلى قەيەردە بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، ئۆز كىملىكىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشىغا ھوقۇقلۇقتۇر» دەپ بەلگىلەنگەن بولۇپ، كشىنىڭ ئۆزىنى نېمە دەپ ئاتىشى دۆلەتنىڭ ئەمەس، كىشىنىڭ ئۆزىگە ئائىت مەسىلىدۇر ۋە ئۆز نۆۋىتىدە يەنە كىشىلىكىنىڭ ۋاز كېچىشكە بولمايدىغان بىر پارچىسىدۇر. بىر كىشىنىڭ بىلدۈرگەن كىملىكىنى ۋە مەنسۇبىيىتىنى رەت قىلىش، ئۇ ئىنساننىڭ مەۋجۇتلۇقىنى رەت قىلغانلىق بولىدۇ. بەلكى مۇشۇ ۋەجىدىن ئېمىل مالۇف «ئۆلۈملۈك كىملىكلەر» ناملىق كىتابىدا، ئىنسان كىملىكىنىڭ دۇنيادا ئەڭ كۆپ يارىلانغان نۇقتا ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى ئىنسان ئۆزى بىلدۈرگەن كىملىكىنىڭ رەت قىلىنىشى بىلەن مەۋجۇتلۇقى رەت قىلىنغاندا، پۈتۈن كۈچىنى ئىشلىتىپ ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ھەر قانداق بېسىمغا كۆكرەك كېرىشكە باشلايدۇ. ئەڭ دەسلەپكى خىرىستىيانلارنىڭ ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ شۇنچە ئېغىر بېسىملارغا قارشى قىلغان كۈرەشلىرى، ئۆزلىرىنىڭ كىملىكىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن باشتىن كەچۈرگەن زۇلۇملىرى بۇ ئەھۋالغا كونكېرت مىسال بولالايدۇ.

 

رەت قىلىنغان كىملىكلەر

 

غەربىي تراكيا تۈركلىرىنىڭ كىملىكىگە قارىتا يۈز بېرىۋاتقان بۇ ئەھۋالمۇ يۇقىرىقىدىن پەرقسىز. 1927 – يىلى قۇرۇلغان «ئىسكەچە تۈرك بىرلىكى جەمئىيىتى» 1980 يىلىغا قەدەر مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرالىدى. ئىسمىدا «تۈرك» دېگەن سۆز ئىشلىتىلگەن بولغاچقىلا 1983 – يىلى جەمئىيەت ساقچىلار تەرىپىدىن تاقىلىپ، پائالىيەتلىرى چەكلەندى. جەمئىيەت گىرېتسىيەنىڭ يەرلىك سوت مەھكىمىلىرى ۋە تەپتىش مەھكىملىرى «غەربىي تراكيادا تۈرك يوق» دېگەن ھۆكۈمنى چىقىرىپ جەمئىيەتنى پېچەتلەشكە ھۆكۈم قىلدى. شۇنىڭ بىلەن غەربىي تراكيادىكى مۇسۇلمان تۈركلەر ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق مەھكىمىسىگە ئەرز سۇندى. ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق مەھكىمىسى 2008 – يىلى «ئىسكەچە تۈرك بىرلىكى جەمئىيىتى»نىڭ ھەقلىق ئىكەنلىكىگە قارار چىقاردى. بىراق گىرېتسىيەنىڭ بەلگلىمىلىرىگە كۆرە، ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق مەھكىمىسىنىڭ قارارى بىۋاستە ئىجرا قىلىنمايدىغان بولغاچقا، شۇ قارار ئاساسىدا قايتىدىن گىرېتسىيە مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇشقا توغرا كەلدى. غەربىي تراكيا تۈركلىرى يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان گىرېتسىيەنىڭ ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق مەھكىمىسى چىقارغان قارارغا رىئايە قىلىشى ئۈچۈن كۈرەش قىلماقتا. بۇ مەسىلىگە دائىر ئاخىرىقى قېتىملىق سوت 2018 – يىلى 9 – فېۋرالدا گۈمۈلجىنە سوت مەھكىمىسىدە چاقىرىلغان بولسىمۇ، بىراق يەنىلا ھېچ قانداق نەتىجە چىقمىدى.

1983 – يىلىدا باشلانغان ۋە ئەڭ ئەقەللىي ئىنسان ھەق - ھوقۇقىنى ئاياق ئاستى قىلغان بۇ بەلىگىلىمىنىڭ تۈزۈتىلىشى ئۈچۈن غەربىي تراكيا تۈركلىرى 35 يىلدىن بۇيان ھارماي – تالماي كۈرەش قىلماقتا. 

غەربىي تراكيا تۈركلىرى ھىرىپ – چارچاپ قالماستىن ۋە قىلچە قانۇن سىرتىغا چىقماستىن، كۈرەشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، 35 يىلدىن بۇيان گىرېتسىيە قانۇنى ئارقىلىق گىرېتسىيەگە بېسىم قىلالمىغان ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق مەھكىمىسىنىڭ ئىنساپ – ئادالىتىنى كۈتمەكتە. پۈتۈن بۇ جەريانلار داۋامىدا گىرېتسىيە ھۆكۈمىتى ئادالەت ئۇياقتا تۇرسۇن، بەزدۈرۈش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ كەلمەكتە.

 

مىللىي قارشىلىق كۆرسىتىش كۈنى

 

1988 – يىلى 29 – يانۋاردا غەربىي تراكيا تۈركلىرى مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلغان ۋە ئۆزىلىرىنى يوق ھېسابلاۋاتقان گىرېتسىيە سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارىغا قارشى كەڭ - كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزگەن ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ھەر يىلى 29 – يانۋار «مىللىي قارشىلىق كۆرسىتىش كۈنى» دەپ ئېلان قىلىندى. بىراق گىرېتسىيە ھۆكۈمىتى بۇ كۈندە ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتلەرنى باستۇرۇش ۋە توسقۇنلۇق قىلىش يولىنى تاللىدى. 1990 – يىلىدىكى «مىللىي قارشىلىق كۆرسىتىش كۈنى» پائالىيىتىگە شۇنچە قاتتىق بېسىم ۋە توسالغۇلارغا قارىماستىن 10 مىڭلىغان كىشى قاتنىشىپ، مەۋجۇتلۇقلىرى ۋە كىملىكلىرىنى نامايان قىلدى. لېكىن بۇ دېموكراتىك ۋە قانۇنلۇق نامايىش جەريانىدا رادىكال گىرېتسىيەلىكلەر تۈركلەرگە ھۇجۇم قىلدى. ئىككى كۈنگىچە يۈزلىگەن غەربىي تراكيالىق مۇسۇلمان تۈركلەرنىڭ دۇكان، ئىشخانا ۋە ئۆي - مۈلۈكلىرىنى تالان – تاراج قىلىشتى. بۇزۇپ ۋەيران قىلدى. ھەتتا ئىسكەچە مۇفىتىسى (دىنىي رەھبرى) مەھمەت ئەمىن ئاغا ۋە ئەينى چاغدىكى مۇستەقىل پارلامېنت ئەزاسى ئەھەت فائىقئوغلۇ قاتارلىق نۇرغۇنلىغان مۆتىۋەر زاتلار ئېغىر يارىدار قىلىندى. بۇ جەرياندا گىرېتسىيە ساقچىلىرنىڭ قىلغان ئىشى، تاماشا كۆرۈپ قاراپ تۇرۇشتىنلا ئىبارەت بولدى.

 

مەقسەت پەقەتلا تۈرك كىملىكىنى ئىنكار قىلىشمۇ؟  

 

گىرېتسىيەدىكى مەسىلىلەر پەقەتلا تۈرك كىملىكىنى ئىنكار قىلىش بىلەن چەكلىك ئەمەس. قانۇنلار ئۆزئارا كېلىشىم بىلەن كاپالەت ئاستىغا ئېلىنغان تۇرۇغلۇق، غەربىي تراكيا تۈركلىرىنىڭ ئۆز مۇفتىلىرى (يەنى دىنىي رەھبەرلىرى)نى سايلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. ئىبادەت ئەركىنلىكلىرىگە ۋە مائارىپ ئەركىنلىكلىرىگە چەكلىمىلەرنى قويۈپ، ھەتتا 10 مىڭلىغان مۇسۇلمان تۈركنى پۇقرالىقتىن چىقىرىپ تاشلىدى. غەربىي تراكيا تۈركلىرى باشتىن كەچۈرىۋاتقان قىيىنچىلىقلارغا قىزىقىدىغانلار كاتىپ چەلىبىي ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن تۈركچە، گىرېكچە ۋە ئىنگىلىزچە تەييارلانغان «گىرېتسىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى دوكلاتى»نى ئوقۇپ باقسا بولىدۇ.

گىرېتسىيەدىكى بۇ دەپسەندىچىلىكلەر تۈركىيەنىڭ ئاقدامار چىركاۋىنى رېمونت قىلىپ ئىبادەتكە ئېچىپ بېرىشى، مور گابرېل ماناستىرىغا تەۋە زېمىننىڭ ئىگىلىرىگە قايتۇرۇپ بېرىلىشى، گۆكچەئادا رىم مەكتىپىدە ئوقۇ - ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا رۇخسەت قىلىنىشى ۋە ئىستانبۇلدىكى بۇلغار چىركاۋىنىڭ رېمۇنت خىراجەتلىرىنىڭ ھەممىنى تۈركىيەنىڭ ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئىجابىي قەدەملەر تاشلانغان بىر ۋەزىيەتتە داۋاملاشماقتا. 

بۇ مەسىلىنىڭ كۆڭۈللەرنى غەش قىلىدىغان يەنە بىر تەرىپى بولسا، مەيلى ياۋروپا ئىتتىپاقى ئورگانلىرى بولسۇن، مەيلى خەلقئارالىق تەشكىلات ۋە ئورگانلار بولسۇن، 10 يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان بۇ دەپسەندىچىلىكلەرنى توسۇپ قىلىش ئۈچۈن يېتەرلىك دەرىجىدە ئاكتىپ بىرەر سىياسەتنى يولغا قويمايۋاتقانلىقىدۇر. بۇ مەسىلىلەر ھەتتا ئىسلام دۇنياسىنىڭمۇ تۈزۈككىنە دىققىتىنى تارتالماي كەلمەكتە.

ئەڭ ئازابلىق تەرىپى، تۈركىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكلاتلىرى ۋە زىيالىيلىرىنىڭ ئۆز دۆلەتلىرىدىكى ئادەتتىكىچە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى ھەققىدە شۇنچە مەلۇمات توپلاپ، شۇنچە كۆڭۈل بۆلۈپ كەتكىنى بىلەن، يان قوشنىسى بولغان گىرېتسىيەدىكى دەپسەندىچىلىكلەر ھەققىدە مەلۇماتىنىڭ تولىمۇ يېتەرسىزلىكى ۋە قىزىقىشىنىڭ ئىنتايىن تۆۋەن بولىۋاتقانلىقىدۇر.

ئۈمىت قىلىمىزكى، گىرېتسىيەمۇ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى دوكلاتى ھەققىدە تېخىمۇ كۆپرەك مەلۇمات ئېلىپ، كىشىلىك ھوقۇقنى ئازراق ئاياق ئاستى قىلىدىغان بولغاي.

 (ئاپتورى: يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇل)

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار! يۇقىرىدا يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇلنىڭ مەسلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق. كېلەر ھەپتە يەنە ئوخشاش ۋاقىتتا، يەنە باشقا ئانالىزلىرىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز. قايتا كۆرۈشكىچە ئامان بولغايسىلەر خەيىر خوش!!

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر