خىتاي تۈركىيەنى نېمە ئۈچۈن قوللايدۇ؟

دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئانالىزى

خىتاي تۈركىيەنى نېمە ئۈچۈن قوللايدۇ؟

خىتاي تۈركىيەنى نېمە ئۈچۈن قوللايدۇ؟

ئامېرىكا-تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى تارىخىنىڭ ئەڭ ناچار دەۋىرلىرىدىن بىرىنى باشتىن كەچۈرمەكتە. دونالد ترامپ 14-ئاۋغۇستتا قانۇن لايىھەسى ماقۇللاپ تۈركىيەگە  «F 35 » تىپلىق ئايروپىلانىڭ سېتىپ بېرىلىشىگە توسالغۇ بولدى. 2016-يىلى 15-ئىيۇلدا مەيدانغا كەلگەن ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قىلمىشىنى تەكشۈرۈش خىزمەتلىرى دائىرىسىدە ئىزمىردە ھەربىي ۋە سىياسىي جاسوسلۇق ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۈچۈن جىنايەت سادىر قىلىش قاتارلىق قىلمىشلار بىلەن ئەيىبلىنىپ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان پوپ بىرۇنسوننىڭ ئۆتكەن ئاي نەزەر بەنت ئاستىغا ئېلىنىشىدىن كېيىن دونالد ترامپ تۈركىيەگە ئېمبارگو يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ترامپنىڭ بۇ باياناتى تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى كەسكىنلەشتۈرۈۋەتتى، شۇنداقلا تۈركىيە ئىقتىسادىدا داۋالغۇش پەيدا بولدى. بۇ ئەھۋالغا قارىتا گېرمانىيە، رۇسىيە، قاتار، ئىران ھەتتا خىتاي تۈركىيەنى قوللاپ بايانات ئېلان قىلدى.

ئۇزۇندىن بۇيان تۈركىيە بىلەن مۇناسىۋىتى تازا ياخشى بولماي كېلىۋاتقان گېرمانىيە نېمە ئۈچۈن تۈركىيەنى قوللاپ بايانات بېرىدۇ؟ خىتاينىڭ تۈركىيەنى قوللاپ بايانات بېرىشىنى قانداق چۈشىنىش مۇمكىن؟  بۇ دۆلەتلەر تۈركىيەنى قوللاپ بايانات بېرىشى تۈركىيەنى قىيىن ئەھۋالدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈنمۇ ياكى ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتلىرى تۈركىيەنىڭ مەنپەئەتى بىلەن زىچ چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ؟



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر