فەنەرباھچە كوماندىسى كونا رەقىبى رېيال مادرىد كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشىدۇ

فەنەرباھچە دوغۇش ۋاسكېتبول كوماندىسى ئەتە (28-دېكابىر) تۈركىيە ھاۋا يوللىرى ياۋروپا بىرلەشمە چېمپىيونلۇقىدا، ئىسپانىيەنىڭ رېيال مادرىد كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.

فەنەرباھچە كوماندىسى كونا رەقىبى رېيال مادرىد كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فەبەرباھچە-رېيال مادرىد ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى ئەتە ئىستانبۇلدىكى ئۈلكەر تەنتەربىيە زالىدا ئەنقەرە ۋاقتى 20:45 ئۆتكەندە باشلىنىدۇ. فەنەرباھچە دوغۇش ۋاسكېتبول كوماندىسى 14 ھەپتىلىك ئايلانما مۇسابىقىدە بەش مەيدان ئۇتتۇرۇپ، توققۇز مەيدان ئۇتتى، گۇرۇپپىسىدا تۆتىنچى بولدى. كوماندا ئىسىرائىلىيەنىڭ ماججابى فوكس كوماندىسىغا 82 گە قارشى 73 نومۇر بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويغان ئىدى.

ئىسپانىيەنىڭ رېيال مادرىد كوماندىسى جەمئىي سەككىز مەيدان ئۇتۇپ، ئالتە مەيدان ئۇتتۇردى، گۇرۇپپىدا ئالتىنچى رەتتىن ئورۇن ئالدى.

فەنەرباھچە كوماندىسى 19-21-ماي كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە چۈشكەن تۆت كۈچلۈك كوماندا ئارىسىدا، رېيال مادرىد كوماندىسىنى 75 غا قارشى 84 نومۇر بىلەن يىڭىپ چېمپىيون بولغان ئىدى.

ئىككى كوماندا ئارىسىدا بۈگۈنگىچە تۈركىيە ھاۋا يوللىرى ياۋروپا بىرلەشمە چېمپىيونلۇقىدا ئۆتكۈزۈلگەن 13 مەيدان مۇسابىقىدە، فەنەرباھچە ئالتە مەيدانى، رېيال مادرىد يەتتە مەيدان ئۇتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر