فەنەرباھچە ۋاسكىتبول كوماندىسى رىئال مادرىد ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ

فەنەرباھچە ۋاسكېتبول كوماندىسى رىئال مادرىد ۋاسكىتبول كوماندىسى بىلەن ھەپتە ئاخىرى ئىستانبۇلدا مۇسابىقىلىشىدۇ.

فەنەرباھچە ۋاسكىتبول كوماندىسى رىئال مادرىد ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فەنەرباھچە دوغۇش ۋاسكېتبول كوماندىسى ئىسپانىيە رىئال مادرىد ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.

تۈرك ھاۋا يوللىرى (ئاۋىئاتسىيە)شىركىتى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللىغان ياۋروپا بىرلەشمە ۋاسكېتبول مۇسابىقىلىرى دائىرىسىدە فەنەرباھچە دوغۇش ۋاسكېتبول كوماندىسى ھەپتە ئاخىرى رىئال مادرىد كوماندىسى مۇسابىقىگە چۈشىدۇ.

ئىستانبۇل ئۈلكەر تەنتەربىيە مەيدانىدا ئوينىلىدىغان مۇسابىقە تۈركىيە سائىتى 20:45تە باشلىنىدۇ.

تۈركىيە كوماندانلىرىغا ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە چۈشىدىغان فەنەرباھچە دوغۇش ۋاسكېتبول كوماندىسى 14 قېتىملىق مۇسابىقىدە 9 قېتىم غەلىبىگە ئېرىشىپ 4 قېتىم مەغلۇب بولدى.

ئىسپانىيە رىئال مادرىد ۋاسكېتبول كوماندىسى تۇنجى 4 قېتىملىق مۇسابىقىدە غەلىبىگە ئېرىشكەن بولسا، كېيىنكى 7 قېتىملىق مۇسابىقىدە 6 قېتىم مەغلۇب بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر