پۇتىن: رۇسىيە 25 مىليونغا يېقىن تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، 2018 – يىللىق خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىلىرى جەريانىدا دۆلىتىنىڭ ئۇچۇر – ئالاقە ئۈستقۇرۇلمىلىرىنىڭ شىددەتلىك تور ھۇجۇملىرىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتتى.

پۇتىن: رۇسىيە 25 مىليونغا يېقىن تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋىلادىمىر پۇتىن سۆز قىلىپ، «خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ دۇنيا لوڭقىلىرىنى تالىشىش مۇسابىقىلىرى جەريانىدا، رۇسىيەنىڭ ئۇچۇر – ئالاقە ئۈستقۇرۇلمىلىرىغا قىلىنغان 25 مىليونغا يېقىن تور ھۇجۇمى ۋە باشقا جىنايەتلەر بىر تەرەپ قىلىندى» دېدى.

پىرېزىدېنت پۇتىن، 2018 – يىللىق خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ساقلاشقا ئالاقىدار خىزمەتلەر توغرىسىدا خەلقئارا خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقى مەسئۇللىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن يىغىنىدا سۆز قىلىپ، 34 دۆلەتنىڭ ئالاھىدە ھەرىكەت قىسىملىرىدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان 130 ۋەكىلنىڭ دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ساقلاش خىزمەتلىرىگە ئىشتىراك قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئىككى مىليوندىن ئارتۇق ئادەم ۋە 200 گە يېقىن بىنانىڭ چېمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىلىرىگە تەييارلىق قىلىش ئەسناسىدا تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى قەيت قىلغان ۋىلادىمىر پۇتىن، 194 يەردىكى 400 دىن ئارتۇق ئورۇندا رادىياتسىيە، خىمىيەلىك، بىيولوگىيەلىك ۋە پارتلاتقۇچ ماددا تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر