تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان بىرلىشىپ ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئارمىيەسى بىلەن ئەزەربەيجان ئارمىيەسى بىرلىشىپ ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى.

تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان بىرلىشىپ ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى بىلەن ئەزەربەيجان ئارمىيەسى نەھچىۋان ئاپتونوم رايونىدا بىرلىكتە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى.

ئەزەربەيجان مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان ئەھدىنامىنىڭ روھىغا ئاساسەن تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئارمىيەسى نەھچىۋان ئاپتونوم رايونىدا بىرلىكتە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشكە باشلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا بۇ قېتىمقى ھەربىي مانېۋىر ئارقىلىق ئىككى دۆلەتنىڭ ئارمىيەلىرىنىڭ تەجرىبە ئالماشتۇرۇش ۋاستىسى بىلەن ئىككى دۆلەت ئارمىيەلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ۋە ئورتاق ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈش قابىليىتىنى ئۆستۈرۈش مەقسەت قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

بۇ قېتىمقى ھەربىي مانېۋىر 16-ئىيۇنغىچە داۋاملىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر