ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە «ئۇرۇش توختىتىش سىزىقى» دا 5 ئەرمېنىيە ئەسكىرى ئۆلدى

ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە «ئۇرۇش توختىتىش سىزىقى» دا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا 5  ئەرمېنىيە ئەسكىرى ئۆلدى.

ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە «ئۇرۇش توختىتىش سىزىقى» دا 5 ئەرمېنىيە ئەسكىرى ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەرمېنىيە ئەسكەرلىرىدىن 3 ى تۈنۈگۈنكى توقۇنۇشلاردا ئۆلگەن، يارىلانغان 2 سى دوختۇرخانىلاردا ئۆلگەن.

مىنىستىرلىقنىڭ ئەرمېنىيەنىڭ پەقەت 3 ئەسكىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنىلا رەسمىي قوبۇل قىلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى: «بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئېغىر يارىلانغان بىرقانچە ئەرمېنىيە ئەسكىرىمۇ دوختۇرخانىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئەرمېنىيە ھەر دائىمقىغا ئوخشاشلا، بۇ قېتىممۇ جامائەتچىلىكىڭ ئېتىرازلىرىدىن ئەندىشە قىلغانلىقى ئۈچۈن قانچە ئەسكىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى يوشۇرۇۋاتىدۇ.»

تۈنۈگۈن يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا 1 ئەزەربەيجان ئەسكىرىمۇ شېھىت بولغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر