نەزەربايېۋ: قازاقىستاننىڭ لاتىن ئېلىپبەسىگە ئۆتۈشى باشقا تىللارغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ

قازاقىستان پىرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ، كىرىل ئېلىپبەسىدىن لاتىن ئېلىپبەسىگە ئۆتۈشنىڭ رۇسچە سۆزلىشىدىغانلارغا، رۇس تىلى ۋە باشقا تىللارغا تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

نەزەربايېۋ: قازاقىستاننىڭ لاتىن ئېلىپبەسىگە ئۆتۈشى باشقا تىللارغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ، دۆلىتىنىڭ لاتىن ئېلىپبەسىگە ئۆتۈشى مۇساپىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر يىغىندا سۆز قىلىپ، لاتىن ئېلىپبەسىگە ئۆتۈشنىڭ تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، «دۇنيادا ھېچبىر دۆلەت خەلقى بىلەن يېڭى ئېلىپبەسى توغرىسىدا بىزچىلىك بەس – مۇنازىرە قىلىپ باقمىدى. ھەممىنىڭ پىكرىنى بىلىش بىز ئۈچۈن مۇھىمدۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ، لاتىن ئېلىپبەسىگە ئۆتۈش توغرىسىدا 300 دىن ئارتۇق تەكلىپ تاپشۇرۇپ ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ياشلارنىڭمۇ بۇ مۇساپىنى قوللاپ – قۇۋۋەتلىشى بىزگە جاسارەت بېغىشلىماقتا» دېدى.

لاتىن ھەرپلىك قازاق ئېلىپبەسى لايىھەسىگە ئالاقىدار بەس – مۇنازىرىلەرگە ئالدىنقى قاتاردىكى دۆلەت ئورگانلىرى ۋە ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭمۇ ئاكتىپ ئاۋاز قوشقانلىقىنى بىلدۈرگەن نەزەربايېۋ، پىلاننىڭ تۈزۈلۈشىدە دۇنيانىڭ تەجرىبىلىرىنىڭ نەزەرگە ئېلىنغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى. ئۇ، تىل ساھەسىدىكى ئىسلاھاتنىڭ باشقا تىللارنىڭ گۈللىنىشىگە، تەرەققىياتىغا زىيان يەتكۈزمەسلىكى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، «قازاق ئېلىپبەسىنىڭ لاتىن ئېلىپبەسىگە ئۆتۈشى ھەرقانداق ئەھۋالدا رۇسچە سۆزلىشىدىغان كىشىلەرنىڭ، رۇس تىلى ۋە باشقا تىللارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. رۇس تىلى ئوخشاشلا ئىشلىتىلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. يېڭى ئېلىپبەگە ئۆتۈش قازاق تىلىنىڭ ئۆگىنىلىشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ.» دېدى.

كىرىل ئېلىپبەسىدىن لاتىن ئېلىپبەسىگە ئۆتۈشكە تەييارلىنىۋاتقان قازاقىستان، 2018 – يىلىدىن باشلاپ دەرسلىك كىتابلىرىنى لاتىن ئېلىپبەسى بويىچە بېسىشنى پىلانلىماقتا.

قازاقىستان پىرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ بۇنىڭدىن ئىلگىرى بايانات بېرىپ، 2025 – يىلىغىچە پۈتكۈل كىتابلارنى، قەرەللىك نەشرىي ئەفكارلار ۋە رەسمىي ھۆججەتلەرنى لاتىن ئېلىپبەسىدە تارقىتىشنى پىلانلاۋاتقانلىقلىرىنى ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر