ئەزەربەيجان ياۋروپا كېڭىشى پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسىگە نارازىلىق بىلدۈردى

ئەزەربەيجان مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى ئەلى ھاسانوۋ، ياۋروپا كېڭىشى پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسىنىڭ دۆلىتىگە ئالاقىدار قارارىنىڭ باكۇنى ياۋروپا كېڭىشى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە قىستىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەزەربەيجان ياۋروپا كېڭىشى پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسىگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى ھاسانوۋ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ياۋروپا كېڭىشى پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسى، غەرەزلىك شۇنداقلا ئەزەربەيجانغا قارشى قاتلاملارنىڭ سۇبيېكتىپ يەكۈنلىرى ئاساسىدا تەييارلانغان بۇ قارار لايىھەسىنى قوبۇل قىلىش ئارقىلىق، يەنە بىر قېتىم ئەزەربەيجانغا قارىتا خاتا يەكۈنگە تايانغان ئادالەتتىن يىراق پوزىتسىيەسىنى نامايان قىلغان بولدى» دېدى.

ياۋروپا كېڭىشى پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسىنىڭ ستراسبورگدا چاقىرىلغان يىغىنىدا، «ئەزەربەيجاندىكى دېموكراتىك ئورگانلارنىڭ پائالىيىتى» ۋە «ئەزەربەيجاننىڭ ياۋروپا كېڭىشىدىكى مۇۋەققەت باشلىقلىق مەزگىلىدە كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ساھەسىدە تاشلانغان قەدەملەر» دېگەن تېمىلاردا ئىككى ئايرىم دوكلات قوبۇل قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر