گوللاندىيەدە تۈركلەر تەھدىتكە ئۇچرىدى

گوللاندىيەنىڭ زائاندام شەھىرىدە تۈرك ئائىلىلەرنىڭ ئىشىكىنىڭ ئالدىغا ئىسلام دۈشمەنلىكى مەزمۇن قىلىنغان تەھدىت مەكتۇپلىرى تاشلاپ قويۇلدى.

گوللاندىيەدە تۈركلەر تەھدىتكە ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قوشنا ئىككى تۈرك ئائىلىنىڭ ئىشىكىنىڭ ئالدىغا تاشلاپ قويۇلغان، مۇسۇلمانلارغا ھاقارەت قىلىنغان ۋە كىرېسىت ئىشارىتى سىزىلغان مەكتۇپتا: «ئەگەر قايتا جامەگە بارساڭلار ئەجىلىڭلار توشىدۇ» ۋە «راك كېسىلى مۇسۇلمان يوقال» دېگەن خەتلەر يېزىلدى.

رايونلۇق ساقچى ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى ۋېندى بودېۋجىن مۇسۇلمان ئائىلىلەرنىڭ شىكايىتىگە ئاساسەن ۋەقەنىڭ تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغانلىقىنى، بىراق بۇ ۋەقەنىڭ كىم تەرىپىدىن سادىر قىلىنغانلىقى توغرۇلۇق تېخىچە مەلۇمات يوقلۇقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر