قازاقىستاننىڭ تەمىرتاۋ شەھىرىدە قارا قار ياغدى

قازاقىستاننىڭ تەمىرتاۋ شەھىرىدە قارا رەڭلىك قار يېغىپ ھەممىنى تاڭ قالدۇردى.

قازاقىستاننىڭ تەمىرتاۋ شەھىرىدە قارا قار ياغدى

تۈركىيە  ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستاننىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان تەمىرتاۋدا قارا رەڭلىك قارا يېغىپ ھەممىنى تاڭ قالدۇردى.

تەمىرتاۋ ئاھالىلىرى ھۆكۈمەتتىن بۇ ھادىسىنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلاپ چىقىشنى تەلەپ قىلىپ ئۇچۇر تارقاتتى.

ئىنستاگرامدا بىر ئىشلەتكۈچى مۇنداق ئۇچۇر يازدى: «قارا قار ئاستىدا ياشىشىمىز مۇمكىن ئەمەس، بۇ جايدا تۇنجۇقۇپ قالىدىغان ئوخشايمىز.»

رەسمىي ۋە مۇستەقىل تەتقىقاچىلاردىن تەشكىل تاپقان تەتقىقات گۇرۇپپىسى قارا رەڭلىك قارانىڭ قانداق شەكىللەنگەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى.

تەمىرتاۋ قازاقسىتاننىڭ پولات-تۆمۈر ئىشلەپچىقىرىدىغان ئەڭ چوڭ بازىسى بولۇپ، بۇ شەھەردىكى زاۋۇتلار ھاۋانىڭ بۇلغىنىشىغا سەۋەب بولۇش بىلەن بىرگە، قارا رەڭلىك قارنىڭ يېغىشىنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ArcelorMittal ئىسىملىك خەلقئارا شىركەت بولسا رايوننىڭ ھاۋاسىنىڭ بۇلغىنىشىغا سەۋەب بولغۇچىلارنىڭ قاتارىدا كۆرسىتىلىشىگە نارازىلىق بىلدۈرمەكتە.

بۇلتۇر دېكابىردا پەقەتلا شامال چىقىپ باقمىغان رايوندا 11 قېتىم ھىدروگېن سۇلفات نىسبىتىنىڭ نورمال مىقداردىن ئېشىپ كەتكەنلىكى ئېنىقلاندى.

بەزى تەمىرتاۋ ئاھالىلىرى بۇ ھادىسە توغرۇلۇق ئىمزا يىغىش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇپ يىغىلغان ئىمزالارنى قازاقىستان پىرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېۋنىڭ قىزى ۋە مۇھىت تەشكىلاتى بىرلمەشمىسىنىڭ باشلىقى ئەلىيا نەزەربايېۋغا ئەۋەتتى.

تەمىرتاۋ شەھىرىدىكى قاراگاندا رايونى قازاقىستان بويىچە ھاۋاسى ئەڭ مەينەت ۋە تەبىئەتكە ئەڭ كۆپ خىمىيىلىك قالدۇق نەرسىلەرنى تاشلايدىغان رايون ھېسابلىنىدۇ.

بىلدۈرۈلۈشىچە، 2016-يىلى 600مىڭ توننا زىيانلىق نەرسە تاشلىۋېتىلگەن.

ئىگىلىنىشىچە، قازاقىستاندا شىددەتلىك بوران-چاپقان چىقىپ جىددىي ھالەت ئېلان قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر