قازاقىستاندا پاجىئەلىك قاتناش ۋەقەسى يۈز بەردى

ۋەقەدە ھاياتىدىن ئايرىلغان 52 يولۇچىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆزبېكىستان پۇقراسى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

قازاقىستاندا پاجىئەلىك قاتناش ۋەقەسى يۈز بەردى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستاننىڭ ئاقتوبە ئۆلكىسىدە يولۇچى ئاپتوبۇسىغا ئوت كېتىپ 52 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

قازاقىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى پەۋقۇلئاددە ۋەقەلەر كومىتېتى ۋەكىلى رۇسلان ئىمانقۇلوۋ ئاخباراتچىلارغا بەرگەن باياناتىدا، يولدا كېتىۋاتقان يولۇچى ئاپتوبۇسىغا تېخىچە سەۋەبى ئېنىق بولمىغان بىر سەۋەب بىلەن ئوت كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

رۇسلان ئىمانقۇلوۋ: «ئاپتوبۇستا 55 يولۇچى ۋە 2 شوپۇر بار ئىدى. 5 يولۇچى يارىدار ھالەتتە قۇتقۇزۇلدى. قالغان يولۇچىلار ھاياتىدىن ئايرىلدى» دېدى.

قازىنفورم خەۋەر ئاگېنتلىقى، ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا نۇرغۇن ساندا ئوت ئۆچۈرۈش ۋە سەھىيە خادىملىرىنىڭ يوللانغانلىقىنى، يولۇچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆزبېكىستان پۇقراسى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر