سۈرىيە تۈركمەنلىرى ئۈچۈن يېڭى دەۋر

بۇ يېڭى دەۋرنىڭ تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىگە كۆرسەتكۈسى تەسىرى

سۈرىيە تۈركمەنلىرى ئۈچۈن يېڭى دەۋر

سۈرىيە تۈركمەنلىرى ئۈچۈن يېڭى دەۋر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: سۈرىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى ھېسابلىنىدىغان سۈرىيە تۈركمەنلىرى مەجلىسى يېقىندا ئومۇمىي كېڭەش يىغىنى چاقىرىپ، يېڭى باشقۇرۇش ھەيئىتىنى سايلاپ چىقتى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، بىز بۇ ھەپتىكى پىروگراممىمىزدا، سۈرىيە تۈركمەنلىرى ئۈچۈن يېڭى دەۋر ۋە بۇ يېڭى دەۋرنىڭ تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىگە كۆرسەتكۈسى تەسىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ياردىمى ئاستىدا قۇرۇلغان سۈرىيە تۈركمەنلىرى مەجلىسى 10 – 11 – فېۋرال كۈنلىرى ئەنقەرەدە 4 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭەش يىغىنى چاقىردى. ھەلەب، لازقىيە، ھاما – ھۇمۇس، دەمەشق – گولان، رەققە قاتارلىق رايونلاردىن كەلگەن ۋەكىللەردىن ۋە ئۈچ سىياسىي پارتىيەنىڭ ئەزالىرىدىن تەشكىل تاپقان 360 تۈركمەن ۋەكىل ئالدى بىلەن 42 كىشىدىن تەشكىل تاپقان مەجلىس ئەزالىرىنى سايلاپ چىقتى. ئاندىن بۇ 42 ئەزا مەجلىسنىڭ يېڭى باشلىقىنى سايلاپ چىقتى.

مەجلىس ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن سايلام نەتىجىسىگە ئاساسەن، دوكتور مۇھەممەد ۋەجىھ جۈمە سۈرىيە تۈركمەنلىرى مەجلىسىنىڭ 4 – باشلىقى بولدى.

سۈرىيە جۇغراپىەسىدە ياشاۋاتقان ئەڭ قەدىمكى خەلقلەردىن بىرى بولغان تۈركمەنلەر 7 – ئەسىردىن بۇيان رايوندا ياشاپ كەلمەكتە. تۈركمەنلەر سۈرىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىلىپ كەتكەن بولۇپ، ھەلەب، لازقىيە – ئىدلىب (بايىربۇجاق)، ھۇمۇس، ھاما، تارتۇس، رەققە، دىرئە، دەمەشق ۋە گولان رايونلىرىدا ئۆز مەۋجۇدىيەتلىرىنى ساقلاپ كەلمەكتە. سۈرىيە تۈركمەنلىرى بۈگۈنكى كۈندە قانچىلىغان ئەسىرلەردىن بۇيان ياشاپ كېلىۋاتقان زېمىنلىرىنى ۋە كىملىكلىرىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ھايات – ماماتلىق  كۈرەش قىلماقتا.

تۈركمەنلەرنىڭ كۈرىشى 2011 – يىلى خەلق قوزغىلاڭلىرى بىلەن بىرلىكتە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ دۆلەت تېررورىزمىغا قارشى باشلاندى. 2011 – يىلدىن بۇيان بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى لىۋان چېگراسىدىكى، ھەلەبتىكى، بايىربۇجاقتىكى، ھاما ۋە ھۇمۇستىكى تۈركمەن ئولتۇراق رايونلىرىنى كۆپ قېتىم بومباردىمان قىلدى. بۇ ھۇجۇملار نەتىجىسىدە يۈز مىڭ ئەتراپىدا تۈركمەن ھاياتىدىن ئايرىلدى.

تۈركمەنلەرنىڭ بايان قىلىشىچە، تۇتۇپ كېتىلگەن ۋە ئىز – دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن تۈركمەنلەرنىڭ سانى قانچە ئون مىڭغا يېتىدىكەن.

 تۈركمەنلەر ئۇزۇن مۇددەت تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى  كۈرەش قىلدى. ھازىرمۇ يەنە بىر تېررورلۇق تەشكىلاتى بولغان پ ك ك / پ ي گ گە قارشى  كۈرەش قىلىۋاتىدۇ. ئىلگىرى دائېش بىلەن توقۇنۇشقان تۈركمەن كۈچلىرىنىڭ بۆلۈنۈشىدىن پايدىلانغان پ ك ك / پ ي د قولغا كىرگۈزگەن جايلاردا ياشاۋاتقان تۈركمەن، ئەرەب ۋە كورد پۇقرالارنى كۆچۈشكە مەجبۇرلىدى، قارشى چىققانلارنى ئۆلتۈردى. بۈگۈنكى كۈندىمۇ تۈركمەنلەر تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ زورلۇق – زومبۇلۇق قىلىپ تارتىۋالغان يەرلەرنىڭ تەكرار ئۆز ئىگىلىرىگە قايتۇرۇلۇشى ئۈچۈن  كۈرەش قىلىۋاتىدۇ.

تۈركمەنلەر سۈرىيەدە قانچىلىغان ئەسىرلەردىن بۇيان سۈرىيە خەلقىدىن ئايرىم بىر خەلق سۈپىتىدە ئۆز مەۋجۇدىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. سۈرىيەدە تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان تەخمىنەن بىر يېرىم مىليون تۈركمەن بار بولۇپ، تۈرك تىلىنى ئۇنتۇپ قالغان تۈركمەنلەر بىلەن قوشقاندا، سۈرىيەدىكى تۈركمەن نوپۇسى 3 يېرىم مىليونغا يېتىدۇ. تۈركمەنلەرنىڭ مەۋجۇدىيىتىنى ھەم تۈرك ئىمپېرىيەلىرى ئارخىپلىرى ھەم فىرانسىيەنىڭ قورچاق ھۆكۈمىتى ئارخىپلىرىمۇ ئىسپاتلىماقتا. تۈركمەنلەر ئۇزۇندىن بۇيان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە، قەتلىئاملارغا دۇچ كەلمەكتە ھەمدە مەدەنىيەت ھەق – ھوقۇقلىرىدىنمۇ مەھرۇم قىلىنماقتا. بۇ ئەھۋالغا ئەمدى خەلقئارا جەمئىيەتمۇ جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەك.

تۈركمەنلەر نۆۋەتتە ساھەدە ھەر تۈرلۈك تېررورىزمغا قارشى پۈتۈن كۈچى بىلەن  كۈرەش قىلىۋاتىدۇ. ھازىرقى ۋەزىيەتتە تۈركمەنلەر ئايرىم بىر مىللەت سۈپىتىدە سۆھبەت ئۈستىلىگە ئولتۇرۇشنى ھەمدە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزلىرىنى بەلگىلەشنى ۋە ھەق – ھوقۇقلىرىنى ئۆزلىرى قوغداشنى تەلەپ قىلماقتا.

 ئەلۋەتتە تۈركمەنلەر سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى ئىچىدە ئوخشىمىغان ساھەلەردە ۋەكىللىك قىلىنماقتا. بۇ ساھەلەردە تۈركمەنلەرنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداشقا ناھايىتى زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن يېتەرلىك بولمايۋاتىدۇ. شۇڭا، مەسىلىنىڭ ئۈزۈل - كېسىل ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن تۈركمەنلەرنىڭمۇ ئايرىم بىر مىللەت سۈپىتىدە سۆھبەت ئۈستىلىگە ئولتۇرۇشىغا توغرا كېلىدۇ.

 سۈرىيەدە كەڭ دائىرىلىك بىر سىياسىي چارىنىڭ تېپىلىشى ئۈچۈن تاشلىنىدىغان بارلىق قەدەملەرنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك مۇۋەپپەقىيەت ئېلىپ كېلىشى، دۆلەتتىكى بارلىق تەرەپلەرگە بېرىلىدىغان قانۇنىي سالاھىيەتنىڭ ساغلاملىقىغا باغلىقتۇر. بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنىڭ قوغدىلىشى پىرىنسىپى دائىرىسىدە تۈركمەنلەرگە تۈزۈپ چىقىلغۇسى يېڭى ئاساسىي قانۇن ئىچىدە سۈرىيەدىكى مەۋجۇدىيىتىنى ئېىتراپ قىلىدىغان ۋە كاپالەت ئاستىغا ئالىدىغان بىر قانۇنىي سالاھىيەت بېرىلىشى لازىم. بۇ نۇقتىدا، سۈرىيە تۈركمەنلىرىگە «دۆلەتنى قۇرۇپ چىققۇچى مىللەتلەردىن بىرى» سالاھىيىتى بېرىلىشى، كىرىزىسنىڭ ئۈزۈل - كېسىل ھەل قىلىنىشىدا مۇھىم رول ئوينىشى مۇمكىن.

تۈركمەنلەر سۈرىيەدە ئەرەبلەردىن قالسا نوپۇسى ئەڭ كۆپ ئىككىنچى چوڭ مىللەت ھېسابلىنىدۇ. سۈرىيە تۈركمەنلىرى سۈرىيەدە ئەڭ كۆپ زىيانغا ئۇچرىغان مەزلۇم مىللەتلەردىن بىرىدۇر. دەرۋەقە، تۈركمەنلەرنىڭ ھېچقاچان ئېتنىك / دىنىي تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتقىنى يوق. شۇڭا، ھەمىشە سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداپ كېلىۋاتقان سۈرىيە تۈركمەنلىرىنىڭ ھەقلىق تەلەپلىرى دەل جايىدا ۋە قانۇنلۇقتۇر. سۈرىيەدە ۋە پۈتكۈل ئوتتۇرا شەرق رايونىدا تۈركمەنلەرنىڭ زامانىۋى، غەربنىڭ قىممەت ئۆلچەملىرىگە ۋە دېموكراتىك ئۆلچەملەرگە سادىق ھەم لائىق (دىن بىلەن ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىگە ئايرىپ قارايدىغان) بىر مىللەتتۇر.

خەلقئارا جەمئىيەت ياردەم بەرگەن تەقدىردە، تۈركمەنلەر ھەم ئوتتۇرا شەرقتە ھەم سۈرىيەدە دېموكراتىك ۋە لائىق بىر تۈزۈم ئورنىتىش ئۈچۈن تۈرتكىلىك رول ئوينىشى مۇمكىن. تۈركمەنلەر مەلۇم كۈچكە ئېرىشكەن تەقدىردە، ھەم قوراللىق  كۈرەشتە ھەم پىكرىي  كۈرەشتە سەلەفىي/ تەكفىرجى / جىھادىست تەشكىلاتلارنى مەغلۇپ قىلالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ياۋروپا قىتئەسىمۇ ھەم كۆچمەنلەر ئېقىنىدىن ھەم سەلەفىي/ تەكفىرجى / جىھادىست تەشكىلاتلارنىڭ خەۋپىدىن ساقلىنىپ قالالايدۇ.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر