ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا تۈرك رېستورانىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نىيۇ جېرسېي ئىشتاتىدا بىر تۈرك رېستورانىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا تۈرك رېستورانىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، نىيۇ جېرسېي ئىشتاتىنىڭ ئېدگېۋاتېر رايونىدىكى تۈرك رېستورانىغا مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن ئوت كەتكەن، ئوت قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۇلغىيىپ بىنانىڭ ئىككىنچى قەۋىتىگە تۇتاشقان. بۇ يەردىكى  ئۇسسۇل ئىستودىيىسىدىكى قىز بالىلار بالكوندىن سەكرەپ جېنىنى قۇتۇلدۇرۇشقا تىرىشقان، ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ توپلانغان تۈركلەرنىڭ ياردىمى ئاستىدا بەزى بالىلار يېنىك يارىلانغان ھالەتتە قۇتقۇزۇۋېلىنغان.

ئوت بىنانىڭ ئارقا تەرىپىدىكى دەرەخلىق ساھەگە تۇتاشقان، ئەمما، ئوت ئۆچۈرۈش ئەترەتلىرىنىڭ مۇداخىلە قىلىشى نەتىجىسىدە ئۆچۈرۈلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر