ئەزەربەيجان ئەرمېنىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى چۈشۈرۈۋەتتى
ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئالدىنقى سپە لىنىيەسىدە ئەرمېنىيەگە ئائىت ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى چۈشۈرۈۋەتتى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئالدىنقى سەپ لىنىيەسىنىڭ فۇزۇلى – خوجاۋەند رايونىدا ئەزەربەيجان تېرروتېرىيەسى ئۈستىدە چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەرمېنىيەگە ئائىت (X-55) تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى چۈشۈرۈۋەتكەن.
مىنىستىرلىق ئەرمېنىيەگە ئائىت چۈشۈرۈۋېتىلگەن ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ فوتو سۈرەتلىرىنى ئېلان قىلدى.