ئۆزبېكىستان تالىبان بىلەن ئۇچرىشىشنى باشلىدى

ئۆزبېكىستاننىڭ ئافغانىستان بىلەن بىۋاستە مۇزاكىلەرگە قاتنىشىشنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن تالىبان بىلەن ئۇچرىشىشنى باشلىغانلىقى ئېلان قىلىندى.

ئۆزبېكىستان تالىبان بىلەن ئۇچرىشىشنى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆزبېكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، مارت ئېيىدا پايتەخت تاشكەنتتە ئۆتكۈزۈلگەن ئافغانىستان كېڭىشى يىغىنى قاتناشقۇچىلىرىنىڭ ئورتاق پوزىتىسىيەنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەقسىتىدە، ئۆزبېكىستاننىڭ تالىبان ھەرىكىتىنىڭ يۇقىرى دەىجىلىك ۋەكىللىرى بىلەن ئىجابىي ئۇچرىشلارنى ئېلىپ بارغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا ئۇچرىشىشلاردا ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنىڭ ئىشقا ئېشىشى، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا قارىتا دىيالوگ ۋە ئۆزئارا ھەمكارلىقلارنىڭ كەلگۈسى قاتارلىق تېمىلارنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.  

باياناتتا يەنە، ئافغانىستان كونفېرانسىدىكى كېلىشىملەرگە بىنائەن ئۆزبېكىستاننىڭ ئافغانىستاننىڭ مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ياردەم قىلىش قاتارلىق تىرىشچانلىقلىرىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقى تەكىتلەندى. 

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ ئالدىنقى مەزگىلدە، ئافغانىستان ھۆكۈمىتى، ئامېرىكا، خىتاي، رۇسىيە، ياۋروئاسىيا رايونى دۆلەتلىرى، جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ۋە خەلقئارالىق ھەر قايسى گرۇپپا دۆلەتلىرى بىلەن بىر تۈركۈم كېڭەش ھەم ئۇچرىشىلاردا بولغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ۋە تالىبان ھەرىكىتىنىڭ روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزئارا ئۇرۇش توختىتىشنى ئېلان قىلغانلىقىدىن ئۆزبېكىستاننىڭ تولىمۇمەمنۇن بولغانلىقى، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف زىيا غىنىنىڭ ئۇرۇش توختىتىش مۇددىتىنى ئۇزارتىش قارارىنى مۇددەتسىز بىر شەكىلدە ئىجرا قىلىشىنى ئۈمىد قىلدىغانلىقى تەكىتلەندى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر