ئەزەربەيجان خەلقئارا دۆلەت مۇداپىئە يەرمەنكىسى «ADEX» ئەتە باشلىنىدۇ

ئەزەربەيجان خەلقئارا دۆلەت مۇداپىئە يەرمەنكىسى «ADEX» يەرمەنكىسىگە تۈركىيە جەمئىي 33 شىركەت بىلەن كۈچلۈك بىر شەكىلدە ئىشتىراك قىلىدۇ.

ئەزەربەيجان خەلقئارا دۆلەت مۇداپىئە يەرمەنكىسى «ADEX» ئەتە باشلىنىدۇ

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن بۇ يىل 3نۆۋەتلىكى ئۆتكۈزۈلىدىغان ئەزەربەيجان خەلقئارا دۆلەت مۇداپىئە يەرمەنكىسى «ADEX» ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدا ئەتە باشلىدۇ ۋە 27سىنتەبىرگىچە دۋاملىشىدۇ.

ھەر 2 يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىۋاتقان يەرمەنكە ئەڭ دەسلەپ 2014يىلى ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.

ئەزەربەيجان خەلقئارا دۆلەت مۇداپىئە يەرمەنكىسى «ADEX» جەنۇبىي كاۋكاز ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى بويىچە ئەڭ مۇھىم دۆلەت مۇداپىئە يەرمەنكىلىرىدىن بىرسى ھېسابلىنىدۇ. 

يەرمەنكىگە تۈركىيەگە ۋاكالىتەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ رەھبەرلىكىدە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ئېكسپورتچىلار بىرلىكى بىلەن 33 مۇداپىئە سانائىتى شىركىتى ئىشتىراك قىلىدۇ.

تۈركىيە ئالدىنقى قېتىمقى يەرمەنكىگە سېلىشتۇرغاندا %30 تېخىمۇ چوڭ، يەنى 1659 كۇۋادىرات مېتىرلىق جايدا مۇنبەر ئاچىدۇ.

ھازىرقى يەرمەنكە مەيدانىنىڭ تەخمىنەن يېرىمىغا تەڭ كەلگۈدەك جاينى تۇتقان تۈركىيەنىڭ كۆرگەزمە مۇنبىرىدە، «AKSA Run Flat»، «Anova»، «ArgeRF»، «ASELSAN»، «AVS»، «BMC»، «DEARSAN»، «DESAN»، «DLG Tactical, Garanti Giyim»، «GİRSAN»، «HOYTEK»، «İŞBİR»، «Kale Kalıp»، «KAREL»، «MAKTEL»، «MANAS»، «MILSOFT»، «MKEK»، «OTOKAR»، «ÖZTEK»، «ROKETSAN»، «RST»، «Simsoft, Savunma Teknolojileri Mühendislik ve Ticaret AŞ»، «TAIS»، «TEK»، «MÜH»، «TİSAŞ»، «TRANSVARO»، «Türk Havacılık ve Uzay Sanayii»، «UNIFO» ۋە «Yakupoğlu firmaları» قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ مەھسۇلاتلىرى تونۇشتۇرىلىدۇ.

يەرمەنكىدە تۈركىيە دۆلەت مۇداپئە سانائىتى ساھەسى تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان بىرونىۋىكلار، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار، دېڭىز ئەسلىھەلىرى، قورال سىستېمىسى، ئىلكتىرونلۇق قورال سىستېمىلىرى، پاتلاتقۇچ دورىلار، ھەربىي توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى، ھەربىي ترانسپۇرت ئەسلىھەلىرى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مۇلازىمەتلىرى مەخسۇس تونۇشتۇرىلىدۇ.

يەرمەنكىدە يەنە تۈركىيە ھەيئەتلىرى، ئەزەربەيجان ھەيئىتى ۋە باشقا قاتناشقۇچى دۆلەت ھەيئەتلىرى بىلەن ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزىدۇ.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر