12.10.2017

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە

12.10.2017

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «<يېڭى شەپەق> گېزىتى»، «ئامېرىكا ۋىزا كىرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى، ھەيئەت ئەۋەتىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن بىر ھەيئەتنىڭ ۋىزا كىرىزىسى توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئالدىمىزدىكى ھەپتە تۈركىيەگە كېلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئەمەلدارلىرى، ھەيئەتكە ئامېرىكا مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جوناتان جوھېننىڭ رىياسەتچىلىك قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئامېرىكا ئەلچىخانىسى يەكشەنبە كۈنى كېچىسى تىۋىتتېر ئارقىلىق ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، تۈركلەرگە ۋىزا بېرىشنىڭ توختىتىپ قويۇلغانلىقىنى ئۇقتۇرغان؛ ئامېرىكىدىكى تۈركىيە ئەلچىخانىسىمۇ ئوخشاش ئۇسۇلدا جاۋاب قايتۇرۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن ئامېرىكىلىقلارغا ۋىزا بېرىشنىڭ توختىتىپ قويۇلغانلىقىنى تىۋىتتېر ئارقىلىق ئۇقتۇرغانىدى. جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مۇشۇنداق جاۋاب قايتۇرۇش توغرىسىدا ئۆزىنىڭ يوليورۇق چۈشۈرگەنلىكىنى ئېيتقانىدى. ئامېرىكا كونسۇلخانىسىدا ئىشلەيدىغان بىر كىشى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا چېتىشلىق ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن (تۈركىيەدە) تۇتقۇن قىلىنغانىدى.

«<ستار> گېزىتى»، «تۈركىيە ئاق دېڭىزدىن ئۈمىدۋار، تۇنجى چوڭقۇر بۇرغىلاش 2018 دا» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: ئانتاليادا چاقىرىلغان ئېنېرگىيە يىغىنىدا سوئاللارغا جاۋاب بەرگەن ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى بەرات ئالبايراق، نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئىزدەش بويىچە تۇنجى چوڭقۇر بۇرغىلاشنىڭ 2018 – يىلى ئاق دېڭىزدا باشلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئالبايراق، «ئاق دېڭىزدىن ناھايىتى بەك ئۈمىدۋارمىز» دېدى. ئاق دېڭىزنى بۇرغىلاش خىزمەتلىرى سايىسىدا نۇرغۇن مالىيە ئەۋزەللىكىنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىگەن ئالبايراق، تۈركىيەنىڭ بىر بالداق ئۆرلىشى ئۈچۈن، ئېنېرگىيە سىرتقا بېقىنىشنى ئازايتىشىنىڭ ھالقىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

«<ساباھ> گېزىتى»، «تېررور كارىدورىغا تۆك زەربە بېرىش ھەرىكىتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «تۈركىيەنىڭ ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررور كارىدورى شەكىللەندۈرۈش ئويۇنىغا قارشى يۈرگۈزىدىغان ئۇزۇن مەزگىللىك ھەربىي پىلانىنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە: خاتاي – رەيھانلى چېگرا ئېغىزىدىن باشلامچى قىسىملار سۈپىتىدە ئىدلىبقا كىرگەن ئەركىن سۇرىيە ئارمىيەسى بىلەن تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ تۇنجى يېتىپ بارىدىغان يېرى ئىدلىبنىڭ شىمالىدىكى دار تا ئىززە بولىدۇ. ھەرىكەت پىلانىدىكى تۇنجى نىشان بولغان ئىدلىبتىكى تېررورچىلارنى تازىلاش مەقسەتلىك «سۈپۈرۈش ھەرىكىتى» گە بۇ يەردىن  قوماندانلىق قىلىنىدۇ. ئىدلىبنىڭ تېررورچىلاردىن خالىيلاشتۇرۇلۇشى بىلەن ئىدلىب – دار تا ئىززە لىنىيەسى، شەكىللەندۈرۈلۈشى پىلانلانغان «ئۆتۈش كارىدورى» نىڭ بىرىنچى باسقۇچى بولىدۇ. ھەرىكەتنىڭ ئىككىنچى قەدىمى، ئۆتۈش كارىدورىنى فىرات قالقىنى رايونىغا تۇتاشتۇرۇش ھەرىكىتى بولىدۇ.  «ي پ گ نى بوغۇش ھەرىكىتى» دائىرىسىدە، ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى ئافرىننىڭ جەنۇبىدىكى جىندەرىسى بىلەن ھەلەبنىڭ شىمالىدىكى ئەرەب نوپۇسى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان تەل رىفات ناھىيەسى تېررروچى ئۇنسۇرلاردىن خالىيلاشتۇرۇلۇپ، بىخەتەر رايونغا ئايلاندۇرۇلىدۇ.

«<ۋەتەن> گېزىتى»، «تۈركىيە بىلەن ئىران ئارىسىدا ئىستىخبارات ھەمكارلىقى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: يېقىندىن بۇيان دىپلوماتىيە ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرغان تۈركىيە بىلەن ئىران، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى ئورتاق كۈرەشكە ئاتلىنىدۇ. تېررورغا قارشى چېگرا بىخەتەرلىكى، ئىستىخبارات ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆزئارا ماسلىشىش جەھەتلەردە ھەمكارلىق ئورنىتىلىدۇ. دەسلەپكى قەدەمدە، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا پ ك ك نىڭ ئەمەلىي ئالاقىسىنىڭ ئۈزۈپ تاشلىنىپ، ئاجىزلىتىلىشى پىلانلانماقتا.

«<خابەرتۈرك> گېزىتى»، «يەرلىك مەھسۇلات <ئالتاي تانكىسى>، يۈرۈشلەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا تەييارلانماقتا» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: مۇداپىئە سانائىتى مەسلىھەتچىسى ئىسمائىل دەمىر، دۆلەت ئىچىدە ياساپ چىقىلغان ئالتاي ناملىق تانكىنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن ئېلان قىلىنىدىغان ھۆددىگە بېرىش دائىرىسىدە تەكلىپ سۇنۇلۇشىنى كۈتۈۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى. ئۇ، مۇستەقىل سودا – سانائەتچىلەر تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىر يىغىندا، ئالتاي تانكىسىنىڭ يۈرۈشلەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىلىشىغا دائىر بىر سوئالغا «نۆۋەتتە تەكلىپلەرنىڭ سۇنۇلۇشىنى كۈتۈۋاتىمىز» دەپ جاۋاب بەردى. سابىق مۇداپىئە مىنىستىرى فىكرى ئىشىق ئىيۇل ئېيىدا يۈرۈشلەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن ھۆددىگە  بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. دۆلەت ئىچىدە ئوتوكاردىن باشقا FNSS نىڭ تاپانلىق بىرونېۋىك ئاپتوموبىل لايىھەلەش ۋە ئىشلەپچىقىرىش تەجرىبىسى بار. BMC ۋە كاتمەرجىلەر چاقلىق بىرونېۋىك ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقارماقتا. تۈموساننىڭ بولسا، چاقلىق بىرونېۋىك ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش لايىھەسى بار.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر