16.04.2018

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

16.04.2018

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «<يېڭى شەپەق> گېزىتى»، ئەردوغان: پېنسىلۋانىيەدىكى (تېررورلۇق تەشكىلاتى كاتتىبېشى) سەنمۇ كېلىسەن (دېدى)» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى / پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىغا قارشى كۈرەشنىڭ قەتئىي داۋاملاشتۇرۇلىدىغانلىقى توغرىسىدا توختالدى. ئۇ، پارتىيەسىنىڭ 6 – نۆۋەتلىك مالتەپە ناھىيەلىك قۇرۇلتىيىدىن ئىلگىرى سۆز قىلىپ، «ھازىرغىچە 80 كىشىنى چەت ئەلدىن ئېلىپ كەلدۇق. پېنسىلۋانىيەدىكى (تېررورلۇق تەشكىلاتى كاتتىبېشى)، قانچىلىك ئوڭ – سولغا ئۇرۇلۇپ باقساڭ باق، سەنمۇ كېلىسەن.» دېدى.

«<ساباھ> گېزىتى»، «يىلدىرىم: بەك كېچىكىپ قېلىشتى (دېدى)» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ تۇزلا ناھىيەلىك قۇرۇلتىيىدا سۆز قىلىش جەريانىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باشچىلىقىدىكى كۈچلەرنىڭ سۈرىيە ھاكىمىيىتىگە قارشى ھاۋا ھەرىكىتى توغرىسىدا توختىلىپ، «غەرب بىردىنلا سۈرىيەلىك بىگۇناھ (ئىنسان) لارنى ئېسىگە ئالدى. (بۇ) قاتىللارغا كېچىكىپ قايتۇرۇلغان بىر جاۋابتۇر» دېدى.

«<ھۆررىيەت> گېزىتى»، «ياستۇق ئاستىدىن 1335 كىلو ئالتۇن چىقتى!» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: ئىقتىسادقا مەسئۇل باش مىنىستىر ياردەمچىسى مەھمەت شىمشەك، «ئالتۇن زايومىغا خەلقىمىز ئىشەندى ۋە كۆڭۈلشىدى. ئىككىنچى قېتىملىق تەلەپ قوبۇل قىلىش مەزگىلىدە 7100 ئادەم 1335 كىلوگىرام ئالتۇننى ياستۇق ئاستىدىن چىقىرىپ، ئالتۇن زايومى ۋە ئالتۇن مەركەزلىك كىراغا بېرىش سىستېمىسىغا ياتقۇزدى» دېدى.

«<ۋەتەن> گېزىتى»، «ستولتېنبېرگ ئىتتىپاقداشلارنى تۈركىيەنى تېخىمۇ كۈچلۈك قوللاشقا چاقىردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ ئانادولۇ ئاگېنتلىقىغا بايانات بېرىپ، تۈركىيەنىڭ ناتوغا نىسبەتەن قىممەتلىك ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر ئىتتىپاقداش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ، ناتونىڭ تۈركىيەنى كۈچلۈك دەرىجىدە قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بارلىق ئىتتىپاقداشلارنى تۈركىيەنى تېخىمۇ كۈچلۈك قوللاشقا چاقىرىمەن» دېدى.

«<خابەرتۈرك> گېزىتى»، «13 مىڭ ساياھەتچى مارمارىسقا كەلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: مۇغلانىڭ مارمارىس ناھىيەسى 2018 – يىللىق ساياھەت مۇساپىسىنى سۈرئەت بىلەن باشلىدى. مۇشۇ كۈنلەردە 13 مىڭ ساياھەتچى تەتىل ئۆتكۈزۈۋاتقان ناھىيەنىڭ سۇ ئۈزۈش ئورۇنلىرى ۋە كوچىلىرى جانلىنىپ كەتتى. تېمپېراتۇرا 29 گىرادۇسقا چىققان ناھىيەگە بارغان تۈركىيەلىك ۋە چەت ئەللىك ساياھەتچىلەر دېڭىزدا كۆڭۈل ئېچىشقىمۇ سەل قارىمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر