جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ئافرىقا زىيارىتى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 2017 – يىلىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى ئافرىقىدىكى ئۈچ دۆلەتتە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ئافرىقا زىيارىتى

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ئافرىقا زىيارىتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تۈركىيە  جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 2017 – يىلى 24 – دېكابىردىن 27 – دېكابىرغىچە تۈركىيەنىڭ ئافرىقىغا ئېچىۋېتىش سىياسىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە ئىقتىساد، مۇداپىئە قاتارلىق بارلىق ساھەلەردىكى مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە سۇدان، چاد ۋە تۇنىستا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى. ئەردوغاننىڭ زىيارىتىنىڭ بىرىنچى بېكىتى ئافرىقىنىڭ كېلەچىكى پارلاق دۆلەتلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان سۇدان بولۇپ، 20 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ئېمبارگونىڭ پەنجىسى ئاستىدا ياشىماقتا. نۆۋەتتە ئېمبارگونى (ئەمەلىيەتتە بولمىسىمۇ) بىكار قىلىشنىڭ قارار قىلىنىشى چوڭ شىركەتلەرنىڭ قايتىدىن سۇدانغا يۈزلىنىشىگە سەۋەب بولدى.

ئەردوغاننىڭ 200 ئەتراپىدىكى سودا – سانائەتچى بىلەن ئېلىپ بارغان زىيارىتى سۇداندا ئۈمىد پەيدا قىلدى. زىيارەت جەريانىدا، ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك مىنىستىرلىرى سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىي ۋە ئىجتىمائىي بولۇپ بىر قاتار ساھەلەر بويىچە 13 كېلىشىم ئىمزالىدى. سۇدان  خەلقى تۈركىيە سۆيگۈسى ۋە ئەردوغانغا بولغان مېھرى – مۇھەببىتىنى تۈركىيە بايراقلىرىنى كۆتۈرۈشكەن ھالدا كوچىلارغا چىقىپ ئىزھار قىلدى.

ئەردوغان سۇداندا ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى مەزگىلىدىكى ئافرىقىنىڭ مۇھىم پورت شەھەرلىرىنىڭ بىرى بولغان سەۋاكىن ئارىلىنىمۇ ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، ئۇ يەردىكى تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن رېمونت قىلىنغان قۇرۇلۇشلارنى كۆزدىن كەچۈردى. ئەردوغان، سۇدان پىرېزىدېنتى ئۆمەر ئەلبەشىردىن ئارالنىڭ رېمونت قىلىنىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى ئۈچۈن بىر مەزگىل تۈركىيەگە بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى. ئەلبەشىر ئەردوغاننىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلدى. ئارالنىڭ تۈركىيەگە 49 ياكى 99 يىللىق ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى مۇزاكىرە قىلىنماقتا.

سەۋاكىن، مىسىر ۋە سۈرىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان تۈرك دۆلىتىنىڭ قىزىل دېڭىزدىكى مۇھىم بىر سودا پورتى ئىدى. 15 – ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ دېڭىزلاردا ئالاھىدە ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولغان پورتۇگالىيە، ئافرىقىنىڭ شەرقىي ۋە غەربىي قىرغاقلىرىدىكى مۇسۇلمان سۇلتانلىقلارغا ھۇجۇم قىلىپ، كۆپلىگەن جايلارنى ۋەيران قىلىپ تاشلاپ، ئۇ يەردە نوپۇزىنى تىكلىدى. 1513 – يىلى سەۋاكىن پورتۇگالىيەلىكلەرنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتتى. ياۋۇز سۇلتان سەلىم دەۋرىدە سۈرىيە ۋە مىسىرنى قولغا كىرگۈزگەن ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى، قىزىل دېڭىزغا ھۆكۈمران بولۇپ، ئافرىقىنىڭ شەرقىدىكى كۆپلىگەن رايونلارنى پورتۇگالىيەلىكلەردىن ئازاد قىلدى.

تۈركىيە ئالدى بىلەن، تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئاگېنتلىقى ئارقىلىق سەۋاكىندىكى تارىخىي يادىكارلىقلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ. رايوندىكى سودا ۋە ساياھەتچىلىك جانلىنىدۇ. تۈركىيە بۇ قەدىمىنى سۇدان بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان ئاساستا قىزىل دېڭىز ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان چارە – تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشقىچە يەتكۈزەلەيدۇ. بۇ خىزمەتلەرنىڭ سايىسىدا، تۈركىيە يېقىن كېلەچەكتە سومالى ۋە يەمەندىكى تىنچلىق ئورنىتىش خىزمەتلىرىگە ھەسسە قوشالايدۇ.

ئەردوغان سۇداندىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، كۆپ ساندا سودا – سانائەتچى بىلەن بىرلىكتە چادنىڭ پايتەختى نېجامېناغا باردى. تۈركىيە – چاد سىياسىي مۇناسىۋەتلىرى 16 – ئەسىرگىچە سوزۇلىدۇ. يېقىنقى يىللاردا  تۈركىيە – چاد ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئۆز ۋاقتىنىڭ چاد باش مىنىستىرى كالزېئۇبې پايىمى دېئۇبېت، 2014 – يىلى 15 – دېكابىردىن 18 – دېكابىرغىچە تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى. مەزكۇر زىيارەت جەريانىدا ھەر خىل كېلىشىملەر ئىمزالاندى. ئەردوغانغا چاد زىيارىتى جەريانىدا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال - پولكوۋنىك خۇلۇسى ئاقارمۇ ھەمراھ بولدى. يېقىنقى يىللاردا رايوننىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرىشىدە پائال رول ئويناپ كېلىۋاتقان چادقا نىسبەتەن بۇ زىيارەت ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ھېسابلىنىدۇ. زىيارەت جەريانىدا ئۆتكۈزۈلگەن سودا – سانائەت مۇنبىرى يىغىنىدىن باشقا، كۆپلىگەن ساھەلەر بويىچە ئىمزالانغان ھەمكارلىق كېلىشىملىرىمۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى راۋاجلاندۇرىدۇ.

تۈركىيە بىلەن تۇنىس ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى ئۇزۇنغا سۇزۇلغان تارىخىي ۋە مەدەنىي رىشتىلەرنى بويلاپ داۋاملاشتۇرۇلماقتا. ئىككى دۆلەت ئارىسىدا يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ زىيارەتلىرى مۇنتىزىم داۋاملاشتۇرۇلماقتا، ھەر قايسى ساھەلەر بويىچە كېڭەش ئېلىپ بېرىلماقتا، ئالاقە ئورنىتىلماقتا. 300 يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشقان تۈنىستىكى تۈرك مەۋجۇدىيىتى تۇنىسلىقلارنىڭ تۈركىيەگە بولغان يېقىنلىقىنىڭ مەنبەسىنى تەشكىل قىلىدۇ.

ئۆز ۋاقتىدىكى تۇنىس ھۆكۈمەت باشلىقى ھەممادى جەبالى 2012 – يىلى 24 -، 25 – دېكابىر كۈنلىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولغاندا، يۇقىرى دەرىجىلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېڭىشى قۇرۇشنى مەزمۇن قىلغان قوشما سىياسىي بايانات ئىمزالانغانىدى. جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 2013 – يىلى 5-، 6 – ئىيۇن كۈنلىرى تۇنىستا زىيارەتتە بولۇش جەريانىدا يۇقىرى دەرىجىلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ بىرىنچى نۆۋەتلىك يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، ھەر خىل ساھەلەر بويىچە 21 كېلىشىم ۋە ھەرىكەت پىلانى بىلەن 24 قېرىنداش شەھەر كېلىشىمى ئىمزالاندى. 2017 – يىلى ئاخىرىدا ئىشقا ئاشۇرۇلغان بۇ زىيارەت سايىسىدا ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى تېخىمۇ مۇستەھكەم ئاساسقا ئىگە قىلىندى.

بۇنىڭدىن 10 يىل ئىلگىرى تۈركىيەنىڭ ئافرىقا سىياسىتى توغرىسىدا ھەر خىل گۇمانلار مەۋجۇت ئىدى. نۆۋەتتە، ئۇ خىل گۇمانلار يوقالغاندەك قىلىدۇ. تۈركىيە ئافرىقىدا ئۆز مەۋجۇدىيىتىنى كۈچلۈك رەۋىشتە ئوتتۇرىغا قويماقتا. تۈركىيەنىڭ ئافرىقىدىكى مەۋجۇدىيىتى سىياسىي، مەدەنىي، ئىستراتېگىيە، ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئىنتايىن مۇھىم. ئافرىقىدىكى تۈركىيەگە بولغان قىزىقىش باشقا بىر غەرب دۆلىتى ياكى باشقا بىر ئىسلام دۆلىتىگە نىسبەتەن يوق. ئەردوغاننىڭ رايون دۆلەتلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشلىرىدا ئوتتۇرىغا قويغان «ئافرىقىنىڭ ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلىرىگە ئافرىقىچە چارە تېپىش» پەلسەپىسى رايوندا كۈچلۈك قوللاشقا ئېرىشمەكتە.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ بۇ قېتىمقى ئافرىقا زىيارىتىنى قوشقاندا، ئۇ زىيارەت قىلغان ئافرىقا دۆلىتىنىڭ سانى 28 گە يەتتى. بۇ دائىرىدە، ئافرىقىنىڭ 32 دۆلىتىدىكى 51 رايونغا قاتناۋاتقان تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئايروپىلانلىرى، ئالتىدىن ئارتۇق دۆلەتتە خىزمەت قىلىۋاتقان تۈركىيە مائارىپ ۋەخپى ۋە كۆپلىگەن دۆلەتلەردە ۋاكالەتخانىسى بار بولغان تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئاگېنتلىقى، شۇنداقلا تۈركىيە ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرۇشىدىكى ئورگانلار مۇھىم روللارنى ئوينىماقتا. نۆۋەتتە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر، دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىدە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغان بىر ساھە. بۇ نۇقتىدا ئىستراتېگىيەلىك، سىياسىي، مەدەنىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئىمكانىيەتلىرى تۈركىيەگە ئافرىقىدا ناھايىتى زور پۇرسەتلەرنى تەقدىم قىلماقتا. ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بۇنى روياپقا چىقىرىشقا تىرىشماقتا ۋە ئافرىقا زىيارەتلىرىدىن ئۇتۇق قازانغان ھالدا دۆلىتىگە قايتماقتا.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر