ئەردوغان تۇنىس رەھبەرلىرى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۇنىس پىرېزىدېنتى ئەلباجى قائىد ئەسسىبسى ۋە باش مىنىستىرى يۈسۈف شاھىد بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

ئەردوغان تۇنىس رەھبەرلىرى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېلېفون ئۇچرىشىشلىرىدا، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىدىن سىرت يەنە، تۇنىستا پۇل پاخاللىقى سەۋەبىدىن باشلانغان نارازىلىق نامايىشلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى ھەمدە تۈركىيە – تۇنىس مۇناسىۋەتلىرىنى ھەر جەھەتتىن تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكى تەكىتلەندى.

ئەردوغان تۇنىسنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن بىرلىك ۋە باراۋەرلىك ئاسىدا ئۆتەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

تۇنىستا ئالدىنقى ئايدا زىيارەتتە بولغاندا ئۆزىنى ھەم ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەتنى قىزغىن كۈتۈۋالغانلىقى ئۈچۈن تۇنىس رەھبەرلىرىگە چوڭقۇر رەھمەت ئېيتقان ئەردوغان، تۇنىسنىڭ «ياسىمىن ئىنقىلابى» دىن كېيىن دېموكراتىك ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىگە ئۆتۈش باسقۇچى جەريانىدا قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ زىيانغا ئۇچرىماسلىقىنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر