قەيسەرىدە بىر دائېش تېررورچىسى قولغا چۈشتى

قەيسەرىدە خەلقئارالىق تۇتۇش بويرۇقى چىقىرىلغان بىر دائېش تېررورچىسى قولغا چۈشتى.

قەيسەرىدە بىر دائېش تېررورچىسى قولغا چۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قەيسەرىدە تېررورلۇق تەشكلاتلىرى ئەزالىرىنى تۇتۇش ھەرىكەتلىرى دائىرىسىدە، 7 – يانۋاردا دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشتە، تېررورلۇق جىنايىتى بىلەن بېلگىيە ئەدلىيە تارماقلىرى تەرىپىدىن مەملىكەتكە قايتۇرۇپ كېلىش مەقسىتىدە، خەلقئارالىق تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان، ئەسلى ئالجىرىيەلىك بېلگىيە پۇقراسى «A.G.» ۋە ئۇنىڭ سۈرىيەلىك ئايالى «M.A.» نازارەتكە ئېلىندى.

10 كۈن تۇتۇپ تۇرۇش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا ئەزا بولۇش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، بارلىق رەسمىيەتلىرى تاماملانغاندىن كېيىن، «A.G.» بىلەن «M.A.» ئەتىگەن سەھەردە دوختۇرلارنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈلدى.

گۇماندار «A.G.» بىلەن «M.A.» دوختۇرلارنىڭ تەكشۈرۈشىدىن كېيىن، سوتقا يوللاپ بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر