ئالپئارسلان تۈركەش ۋە تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتى

تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىنىڭ شەكىللىنىشىدە ئالپئارسلان تۈركەشنىڭ پىكىرلىرىنىڭ ئوينىغان مۇھىم رولى.

ئالپئارسلان تۈركەش ۋە تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتى

ئالپئارسلان تۈركەش ۋە تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تۈركىيەنىڭ سىياسىي تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان دۆلەت ئەربابلىرىدىن بىرى بولغان ئالپئارسلان تۈركەش ۋاپاتىنىڭ 21 – يىللىقى يېقىندا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغانمۇ ئىشتىراك  قىلغان تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئارقىلىق خاتىرىلەندى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، بىز بۇ ھەپتىكى پىروگراممىمىزدا، ئالپئارسلان تۈركەشنىڭ تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىگە قارىتا كۆز – قاراشلىرى ۋە بۇ كۆز – قاراشلارنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى تۈسىر كۈچى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە يولغا قويۇۋاتقان ئاكتىپ دىپلوماتىيە سىياسىتىنى چۈشىنىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن، تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان ئۈلگىلىك دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ ھاياتىنى تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ دائىرىدە، ئالپئارسلان تۈركەشنىڭ تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىگە قارىتا كۆز - قاراشلىرىنىڭ، ھەم بىر مەزگىل تۈركىيەنىڭ ئىچكى – تاشقى سىياسىتىنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلىشى، ھەم  جۇغراپىيەسىگە كۆرسەتكەن تەسىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا تەتقىق قىلىنىشى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ نۆۋەتتىكى دىپلوماتىيە سىياسىتىنى چۈشىنەلىشىمىز جەھەتتىن پايدىسى ناھايىتى زور، ئەلۋەتتە.

ئالپئارسلان تۈركەش 1917 – يىلى قىبرىسنىڭ لەفكوشا رايونىدا دۇنياغا كەلگەن. 1933 – يىلى ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە تۈركىيەگە كۆچۈپ كەلگەن. ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى ھاكىمىيىتىدىن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىگە ئۆتۈش دەۋرىدە، يەنى مىللىي دۆلەت ھاكىمىيىتىگە ئۆتۈش جەريانىدا ئوتتۇرىغا چىققان تالاش – تارتىشلار ۋە بۇ دائىرىدە ئېلىپ بېرىلغان مىللەتچىلىك بەس – مۇنازىرىلىرى، ھەم تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ، ھەمدە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ قۇرغۇچىسى ئالپئارسلان تۈركەشنىڭ پىكىرلىرىنىڭ شەكىللىنىشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينىغان.

ئالپئارسلان تۈركەشنىڭ (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ <پىكرىي ئاتىسى> دەپ ئاتالغان) زىيا گۆكالپ ۋاپاتىنىڭ 50 – يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە قىلغان سۆزى، بۇ دائىرىدە ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. ئالپئارسلان تۈركەش شۇ قېتىم قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېگەن: «يولىمىز، زىيا گۆكالپنىڭ پىكىرلىرىدىن ئۇزۇقلانغان يولدۇر. ئەلۋەتتە، نۆۋەتتە بىز ياشاۋاتقان دەۋر ئۆزگەردى. شۇڭا، بۇ دەۋرگە خاس پىرىنسىپلارغا بىرقاتار يېڭىلىقلارمۇ داخىل قىلىنىدۇ، ئەمما، ئاساسىي ئۆلچەم ئۆزگەرگىنى يوق: <تۈركلىشىش، ئىسلاملىشىش ۋە زامانىۋىلىشىش> پىرىنسىپلىرى، بۈگۈنكى كۈندىمۇ كۈچكە ئىگە بولغان ئاساسلاردۇر.»

ئالپئارسلان تۈركەش تاشقى سىياسەتنى؛ «بىر دۆلەتنىڭ مىللىي مەنپەئەتلىرىنى چىقىش نۇقتا قىلغان ئاساستا باشقا دۆلەتلەر بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشى ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشى» دەپ ئاتىغان. ئالپئارسلان تۈركەشنىڭ قارىشىچە، تاشقى سىياسەتنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلەشتە، گېئوپولىتىكا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئوخشاش جۇغراپىيەگە جايلاشقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە گېئوپولىتىكا ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلىدۇ.»

ئالپئارسلان تۈركەشنىڭ پىكىرلىرى بويىچە ئېيتقاندا، تاشقى سىياسەتنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلەشتىكى تۇنجى مۇھىم نۇقتا، مىللىي نىشانلاردۇر. بۇ مىللىي نىشانلارنىڭ بېشىدا، دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكى كېلىدۇ. تارىختىن بۇيان ھەرقايسى مىللەتلەر ھەمىشە تېخىمۇ كۈچلۈك بىر سىياسىي قۇرۇلمىغا، تېخىمۇ قۇدرەتلىك بىر ھەربىي تۈزۈمگە ۋە تېخىمۇ يۈكسەك سەۋىيەدىكى باياشاتلىق ھەم پاراۋانلىققا ئېرىشىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار غايىغا يېتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلغاندۇر. شۇ ۋەجىدىن، تاشقى سىياسەتنىڭ ئىككىنچى نىشانى، ئەنە شۇ ئۇلۇغۋار غايىغا يېتىش يولىدا  كۈرەش قىلىشتۇر.

تاشقى سىياسەت بىلەن ئىچكى سىياسەت بىر – بىرىدىن ئۇزۇقلىنىدۇ ھەمدە بىر - بىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ خەلقىنىڭ بىرلىك ۋە باراۋەرلىكى مۇستەھكەم، ئىناق، ئىتتىپاق، سەزگۈر بولمىسا، ھۇزۇرلۇق ۋە تىنچ ياشاش مۇھىتىغا ئىگە بولمىسا، ئۇنىڭ تاشقى سىياسىتىنىڭ ئاساسى ئاجىز بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ ئىچكى سىياسىتى قانچە مۇستەھكەم ۋە كۈچلۈك بولسا، تاشقى سىياسىتىمۇ شۇنچە كۈچلۈك ھەم مۇستەھكەم بولىدۇ.

ئالپئارسلان تۈركەش، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى، ئاسارەت ئاستىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئازادلىققا ئېرىشىشىنى، ئىقتىسادىي كىرىزىسلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان خەلقلەر ھەم  جەمئىيەتلەرنىڭ پاراۋانلىقىنى، دۇنياۋى تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش جەھەتتىن مۇھىم دەپ قارايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، «بەزى ئەزالىرى ئالاھىدە نوپۇزغا ئىگە بولۇۋالغانلىقى ئۈچۈن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمايۋاتىدۇ» دەپ قارايدۇ.

بۇ نۇقتىدا، ئالپئارسلان تۈركەش بىلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئوخشاش پەنجىرىدىن قارايدىغانلىقىنى، ھەر ئىككىسىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئادالەتسىز قۇرۇلمىسىنى تەنقىد قىلىدىغانلىقىنى كۆرىمىز. دەرۋەقە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانمۇ «دۇنيا بەشتىنمۇ چوڭ» دېيىش ئارقىلىق، بۇ مەسىلىنى نازۇك بىر شەكىلدە خەلقئارالىق كۈنتەرتىپكە ئايلاندۇردى.

1933 – يىلى مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ، 1944 – يىلى ئالپئارسلان تۈركەشنىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىدىغانلىقىغا ئالاقىدار مۆلچەرلىرى، 1991 – يىلىغا كەلگەندە ئەمەلىيلەشتى. تارىخ، بۇ ئىككى رەھبەرنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشىدىن كېيىن مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر بىلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ قانداق بولۇش لازىملىقىنى ئالپئارسلان تۈركەش مۇنداق ئوتتۇرىغا قويغان: «تۈركىي خەلقلەر ئوتتۇرىسىدىكى يېقىنلىشىش ۋە زىچ ھەمكارلىشىش ، ھېچقاچان باشقىلارغا زىيان يەتكۈزۈش ۋە ھۇجۇم قىلىشنى نىشان قىلمايدۇ. ھەمكارلىشىش ۋە يېقىنلىشىشتىن مەقسەت، دۇنيادا تىنچلىق ئورنىتىش ۋە پۈتكۈل دۇنيا ئەللىرىنىڭ بەخت – سائادەتكە ئېرىشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتۇر. تۈركلەر دۇنيانىڭ قەيېرىدە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر باشقا مىللەتلەردىن بولغان قوشنىلىرى بىلەن، ياكى بىرلىكتە ياشاۋاتقان باشقا خەلقلەر بىلەن دوستلۇق، تىنچلىق ۋە ھەمكارلىقنى ئاساس قىلغان ھالدا ياخشى نىيەتتە، ئىناق ئۆتىدىغان بىر مىللەتتۇر.»

تاشقى سىياسەت، بۈگۈنكى كۈندىكىدەك ئۆزگىرىشچان دۇنيادا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم ئۇچۇر - ئالاقە ۋاسىتىلىرىدىن بىرىدۇر. ھەرقانداق بىر دۆلەت ئوخشاش جۇغراپىيەدە ياشاۋاتقان مىللەتلەر بىلەن، ئورتاق مەدەنىيەتلەرگە ئىگە خەلقلەر بىلەن، تاشقى سىياسەت ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق مۇناسىۋەت ئورنىتىدۇ.

ئالپئارسلان تۈركەشنىڭ كۆز – قاراشلىرى بويىچە يەكۈن چىقارغىنىمىزدا؛ ھەرقانداق بىر دۆلەت بىرقاتار سىياسەتلەرنى بەلگىلەشتە، ھەممىدىن ئاۋۋال مۇستەقىللىقى ھەم زېمىن پۈتۈنلۈكىنى خەۋپكە دۇچار قىلمايدىغان شەكىلدە پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىشى لازىم. بۇ دائىرىدە، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى رەھبەرلىرى تاشقى سىياسەتنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلەشتە، ئالدى بىلەن، مىللىي مەنپەئەتلەرنىڭ چەك – چېگرالىرىنى ئېنىق بېكىتىپ چىقىشى، ئاندىن، شۇنىڭغا ئاساسەن ھەرىكەت قىلىشلىرى كېرەك. تاشقى سىياسەتنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلەشتە، ئالدى بىلەن، تۈركىيەنىڭ رېئال ۋەزىيىتىنى ياخشى ئانالىز قىلىشلىرى، ئاندىن، مۇشۇ ئاساستا ھەرىكەتكە ئۆتۈشلىرى لازىم.

ئالپئارسلان تۈركەش تاكى ئاخىرقى تىنىقىغىچە ھەم تۈركىيە خەلقى ئۈچۈن، ھەم تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ھارماي – تالماي  كۈرەش قىلدى، قان – تەر ئاققۇزۇپ، مېھنەت قىلدى، ئالپئارسلان تۈركەشنىڭ كەسكىن كۈرىشى، پۈتكۈل ھاياتىنى ئۇلۇغۋار غايىسى ۋە ئەزىز خەلقىگە بېغىشلاشنىڭ مىسلىسىز ھەم مۇھىم ئۈلگىسى ھېسابلىنىدۇ.

بۈگۈنكى كۈندە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رەھبەرلىكىدە، مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك ۋە ئالپئارسلان تۈركەشنىڭ ئىش ئىزلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ھەم تۈركىيە خەلقى، ھەم تۈرك دۇنياسى، ھەمدە ئىنسانىيەت دۇنياسى ئۈچۈن كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ خىزمەت ئىشلىمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر